ss ss ss ss

تايلاندتا كەينى-كەينىدىن پەيدا بولغان ئۆچكىئېمەرلەر يولۇچىلارنى قورقۇتۇۋەتتى
2016-09-24 10:57:03   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، تايلاندنىڭ باڭكوك. بۇ يەردىكى لۇمپىنى باغچىسى شەھەر مەركىزىدىكى ئەڭ چوڭ يېشىلزارلىق بولۇپ، باغچىدا دائىم تېنى زىيادە چوڭ ئۆچكىئېمەر (ۋاران ياكى ۋاران كەسلەنچۈكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ئۇلار گەرچە ئادەم زەخمىلەندۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن دائىم ساياھەتچىلەرنى قورقىتىۋېتىدۇ.

  بۇ باغچىدىكى ئۆچكىئېمەرلەرنىڭ سانى 400دىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، باغچا ھازىر  «قورشاپ تۇتۇش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان ھەمدە بىر قىسىم ئۆچكىئېمەرنى قوغداش رايونىدا تەبىئەتكە قويۇپ بەرمەكچى بولغان.

  ئۆچكىئېمەرنىڭ بەدەن شەكلى بارلىق كەسلەنچۈكلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئەڭ چوڭلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 مېتىرغا، ئېغىرلىقى 50 كىلوگرامغا يېتىدۇ، ئاساسلىقى سۇ ۋە ئوتلاقتا ھەرىكەت قىلىدۇ، ئادەتتە بېلىق، قۇش ۋە چىرىگەن گۆشلەرنى يەيدۇ، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ يېمەكلىكىنىمۇ ئوغرىلاپ تۇرىدۇ.

  خىزمەتچىلەر ئۆچكىئېمەر ياخشى كۆرىدىغان بېلىقنى يەمچۈك قىلىپ، ئۇنى قىرغاققا ئالداپ چىقىرىۋاتىدۇ.

 لۇمپىنى باغچىسى باڭكوك شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، ئۇنىڭ مۇھىتى ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ياخشى بولغانلىقى سەۋەبىدىن شۇ يەردىكى چېنىققۇچىلار ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغان، لېكىن ئازادە مۇھىت يەنە بىر قىسىم چاقىرىلمىغان مېھمانلارنىمۇ جەلپ قىلغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسلانغاندا، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا توغرىسىغا يېتىۋالغان ياكى تۇيۇقسىز كۆلدىن سەكرەپ چىققان ئۆچكىئېمەر ئادەمنى تۇيۇقسىزلا چۆچۈتۈۋېتىدىكەن.

  گەرچە ئۆچكىئېمەرنىڭ مىجەزى مۇلايىم بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سانى زىيادە كۆپىيىپ كەتكەچكە، باغچىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغان.

    باغچا خادىملىرى يەمچۈك ۋە تۇتۇش قورالىدىن پايدىلىنىپ ئۆچكىئېمەردىن 100نى تۇتقان.

  ئۆچكىئېمەرنى يېقىن ئارىلىقتىن كۈزەتكەندە، قىياپىتىنىڭ يەنىلا بىر ئاز قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.

  ئۆچكىئېمەرنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن 20 يىل بولۇپ، ئۇ گۆشخور ھايۋان بولغاچقا، بەلگىلىك خەتىرى بار.

    بۇ ئۆچكىئېمەرنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 10 كىلوگرام كېلىدۇ.

 باغچا خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تۇتۇۋېلىنغان ئۆچكىئېمەرلەر قوشنا ئۆلكىدىكى قوغداش رايونىدا تەبىئەتكە قويۇپ بېرىلىدۇ.



ئالدىنقى مەزمۇن: گېرمانىيە ئىلگىرىكى زۇڭلى مەھكىمىسىنى سىرتقا ئېچىۋەتتى
كېيىنكى مەزمۇن: ئۇكرائىنادا «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال» كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号