ss ss ss ss

فىرانسىيە پاراشوتچى قىسىمىنىڭ مەشىق كۆرۈنۈشلىرى
2016-08-02 22:46:12   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

  6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، پولشادا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىرلەشمە مانېۋىرىغا قاتناشقان فىرانسىيە پاراشوتچى قىسىمى پاراشوت بىلەن سەكرەش قىلدى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى ئىشلەتكەن C-130 «كۈچتۈڭگۈر» ناملىق توشۇغۇچى ئايروپىلانغا سېلىشتۇرغاندا، فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەسى پەقەت قوش موتورلۇق C-160 تىپلىق توشۇغۇچى ئايروپىلاننى ئىشقا سالغان بولۇپ، قارىماققا بىر ئاز «چۈپەيلىك» قىلغاندەك كۆرۈنىدۇ.

فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ پاراشوت بىلەن سەكرەش مەشىقى

  C-130 «كۈچتۈڭگۈر» ناملىق توشۇغۇچى ئايروپىلان بولسا ئامېرىكا لوكھېد مارتېن (Lockheed Martin) شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئوتتۇرا تىپتىكى توشۇغۇچى ئايروپىلان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن (1956-يىلىدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان) ھەم ياسىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان توشۇغۇچى ئايروپىلان (ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2000گە يېتىدۇ). ئۇ ئامېرىكا ھاۋا تىرانسپورتىدا يادرولۇق ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھاۋا تىرانسپورتىدا مۇھىم ياردەمچى كۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  C-130گە تۆت دانە ئايلانما پىرقىرىغۇچلۇق موتور ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇچۇش يولى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ كۆتۈرۈلەلەيدۇ. ئەڭ دەسلەپ لايىھەلەنگەن ۋاقىتتا، قۇرال-ياراق توشۇش، داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش، ماددىي-ئەشيا يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىلگەن. كېيىن، باشقا ساھەلەردىمۇ ئىشلىتىلگەن، مەسىلەن، زەربە بېرىش، ئاختۇرۇپ قۇتقۇزۇش، ئېلىم-پەن تەتقىقاتى، ھاۋا رايىنى ئۆلچەش، بوشلۇقتىن ماي قاچىلاش، دېڭىز ياقىلىرىنى تەكشۈرۈش، ھاۋادىن ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىقلار. ھازىر ئۇ كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا جېڭىدىكى ئاساسلىق توشۇغۇچى ئايروپىلانغا ئايلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە 40 نەچچە تىپتىكى بۇنداق ئايروپىلان 60 نەچچە دۆلەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ.

  C-160 تىپلىق توشۇغۇچى ئايروپىلان فىرانسىيە ئالەم بوشلۇقى شىركىتىنىڭ بولۇپ، ئەسلى گېرمانىيە MBB شىركىتى ۋە بىرلەشمە ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى _ فوك شىركىتى ( ھازىر گېرمانىيە ئالەم بوشلۇقى شىركىتىگە قوشۇلۇپ كەتتى) 1959-يىلى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغان توشۇغۇچى ئايروپىلان. ئۈچ شىركەت شۇ يىلى بىرلىشىپ، TRANSALL شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە مەخسۇس C-160 تىپلىق توشۇغۇچى ئايروپىلاننى تەتقىق قىلغان.

  بۇ خىل توشۇغۇچى ئايروپىلان ئارقىلىق ھەربىي قىسىملار ئىشلىتىدىغان ھەربىي ئەسلىھەلەر، ھەربىي لازىمەتلىكلەر ۋە ھەربىي ماشىنىلارنى توشۇشقا بولىدۇ ھەمدە ئاددىي ھالەتتىكى ئۇچۇش يوللىرىدا ئۇچۇپ-قونالايدۇ.

  C-160 بولسا 1963-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇرۇلغان، 1967-يىلىدىن باشلاپ، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە سېتىپ بېرىلگەن، كېيىن تۈركىيەمۇ بۇ ئايروپىلاننى سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەن.

  1972-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغۇچە 169 دانە ئىشلەپچىقىرىلغان. 1976-يىلى 10-ئايدا، فىرانسىيە، گېرمانىيە ئىككى دۆلەت كېلىشىم ئىمزالاپ، تەك نىسبەت بويىچە يېڭى تىپتىكى C-160نى ئىشلەش ئىش باسقۇچىنى بۆلۈشۈۋالغان، ئاساسلىق توك يولى فىرانسىيەنىڭ تۇلۇس شەھىرىدە قۇراشتۇرۇلىدۇ، يېڭى تىپتىكى  C-160نىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرى ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئايروپىلان قانىتى مۇستەھكەملەنگەن ھەمدە ئوتتۇرا قانات ئىچىگە قوشۇمچە ماي باكى ئورنىتىلغان.

  يېڭى تىپتىكى C-160دىن جەمئىي 31 دانە زاكاز قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، 1984-يىلىغىچە فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە 15ى، ھىندونېزىيەگە ئۈچى سېتىپ بېرىلگەن.

  C-160نىڭ ئۇچۇش خادىملىرى باش ۋە قوشۇمچە ئۇچقۇچى، ئايروپىلان ئىنژېنېرى ھەمدە يول باشلىغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئايروپىلان بۆلۈمچىسىگە 93 يولۇچى ياكى 68 نەپەر تولۇق قوراللانغان جەڭچى ۋە ياكى 62 دانە ناسىلكا جازىسى سىغىدۇ. ئەڭ چوڭ يۈك بېسىش چېكى 16 توننا، ھاۋادىن تاشلىيالايدىغان ئەڭ چوڭ يۈك ئېغىرلىقى سەككىز توننا بولۇپ، ئۈچ مېتىردىن ئون مېتىر ئېگىزلىكتە تۇرۇپ يۈك تاشلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ.

  C-160نىڭ يەنە Gabriel ئېلېكتىرونلۇق چارلىغۇچى تېپتىكىسىمۇ بار بولۇپ، ئوخشاشلا ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ تىپتىكى ئايروپىلان ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئاخباراتلىرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئۇچقۇچى كابىنىسىمۇ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، بىرقانچە ئاخباراتقا توپلاش سىستېمىسى ۋە مەشغۇلاتچى ئورنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.




ئالدىنقى مەزمۇن: ترامپ ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىدە تەۋرىنىش پەيدا قىلدىمۇ؟
كېيىنكى مەزمۇن: پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بىلەن چاتما كوزۇپلۇق ئاپتوموبىل سوقۇشۇپ 12 ئادەم قازا قىلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号