ss ss ss ss

ئامېرىكىدا بىر بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسى بېشىنىڭ سىرتىدا ئۆسۈپ قالدى
2016-07-29 23:43:07   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

 

بۇ-ئامېرىكىلىق بۇ ئانىنىڭ ئىككىنچى قېتىم قورساق كۆتۈرۈشى ئىدى. «دوختۇرخانىدا ھامىلىنىڭ جىنىس ئايرىمىسىنى ئېنىقلاتقان چاغدىلا، بالىدىن چاتاق چىققانلىقىنى بىلگەن ئىدىم» -دېدى سېررالېئون ئىسىملىك بۇ ئانا بىزگە. ئۇ بىزگە بالىسىنىڭ تەكشۈرۈشتە مېڭىسى كۆپۈپ چىقىش كېسىلى چىققانلىقىنى، بۇنىڭ تىبابەتتە يەنە «باش سۆڭىكى تاياقچە باكتېرىيىسى» دەپمۇ ئاتىلىدىغانلىقىنى دەپ بەردى. بۇ كېسەل باش سۆڭىكىدە خالتىسىمان تۆشۈك مەۋجۇد بولۇپ، مېڭىنىڭ كۆپۈپ چىقىشىغا شارائىت ھازىرلىنىپ، نېرۋا نەيچىلىرى بوۋاقنىڭ يېتىلىش جەريانىدا ئۆسەلمەي، بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ سىرتىغا چىقىپ قېلىشىدىن بولىدىكەن.

دوختۇرنىڭ بۇ ئانىغا دەپ بېرىشىچە، بۇ بوۋاقنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىن ھايات قېلىش نىسبىتى ناھايىتى تەسكەن، ھايات قالغان تەقدىردىمۇ پەقەت ئۆسۈملۈك ئادەمدەك ياشاشقا مەجبۇر بولىدىكەن. «بۇ بالا كەلگۈسىدە گەپ قىلالمايدۇ، ھەرىكەتمۇ قىلالمايدۇ، قورسىقىنىڭ قانداق ۋاقىتتا ئاچىدىغىنىنى، قانداق ۋاقىتتا تەرەت قىلىدىغىنىنىمۇ بىلمەيدۇ»، دوختۇر «شاكال» سۆزى بىلەن بۇ بالىنى سۈپەتلىگەن.

گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بۇ ئانا يەنىلا ھەرقانداق ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەسلىكنى قارار قىلغان. ھەمدە تۈزلا قىلىپ: بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ بالىمىزنى دەپنە قىلىۋىتىشكە ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق، چۈنكى ئۇ ئەمدى تۇغۇلدى»، دېگەن. بۇ ئانا ئوغلىغا بىنگلېي دەپ چىرايلىق ئىسىم قويۇۋالغان. ۋەھالەنكى بۇ بالىمۇ ئىنتايىن قەيسەر بولۇپ، بىر نەچچە ئايدىن كېيىن يەنە تېخى يىغلىيالايدىغان بولغان. بۇنداق بولۇشى دوختۇرنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئىكەن.

دوختۇر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالىنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ سىرتىغا چىقىۋالغان مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆلگەنلىكىنى، باش سۆڭىكىنىڭ ئىچىدىكى مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ بولسا يېتىلىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ نەتىجە ھاياجانلانغان ھالدا بالىنىڭ ئانىسىغا يەتكۈزۈلگەن. نۆۋەتتە بىنگلېي داڭلىق مېڭە كېسەللىكلىرى دوكتورى جوننىڭ قېشىغا ئاپىرىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوپىراتسىيە قىلىنىۋېتىپتۇ. جوننىڭ دېيىشىچە، بالىنىڭ بىر مېڭىسى ئارتۇق بولماستىن بەلكى باشقا نورمال بالىلاردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوپىراتسىيەدە بىنگلېينىڭ ئارتۇقچە باش سۆڭىكى بىلەن ئۆلگەن چوڭ مېڭىسى كېسىپ ئېلىۋىتىلگەن.

نۆۋەتتە ئوپېراتسىيە ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولغان، بىنگلېينىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان. گەرچە دوختۇر بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭكىدىن ئاجىزراق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ بەختسىزلىك ئىچىدىن ئېرىشكەن ئالەمچە بەخت ھېسابلىنىدۇ. 




ئالدىنقى مەزمۇن: يىپەك يولى سودا يولىلا ئەمەس بەلكى يەنە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش يولى
كېيىنكى مەزمۇن: ئاۋسترالىيەدە دولقۇن يارغۇچىلار يېنىدىكى لەھەڭدىن مىڭ تەستە قۇتۇلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号