ss ss ss ss

جۇڭگونىڭ ئەڭ ئىلغار قوغلىغۇچى پاراخوتىغا «ئۈرۈمچى» دەپ نام بېرىلدى
2016-07-10 10:23:26   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىدە ئاخىرى شىنجاڭدىكى شەھەرنىڭ ئىسمى نام بېرىلگەن بىر پاراخوت بار بولدى. مۇخبىرنىڭ 6-ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، «ئۈرۈمچى پاراخوتى» نامى بېرىلگەن 052D باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوت مۆلچەردە كېلەر يىلى شىمالىي دېڭىز پاراخوت قىسمىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەپ، شىنجاڭدىكى شەھەرنىڭ ئىسمى نام بېرىلگەن تۇنجى ھەربىي پاراخوتقا ئايلىنىدىكەن. 

يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئىسىتراتېگىيەلىك جەڭ قىسىمىنىڭ قوماندانى شىرزات باۋدۇن ئۈرۈمچى گارنىزونى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، شاڭخەي، فۇجيەنگە بېرىپ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم قىسىمى ۋە فۇجيەندە تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم قىسىمىنىڭ ئوفېستىر-ئەسكەرلىرىنى يوقلاپ ھال سورىدى. نەق مەيدان خەۋىرىدە، ئەڭ يېڭى «052D پاراخوتى 118 ئۈرۈمچى» ناملىقنىڭ مودېلى دەپ پەرەز قىلىنغان سۈرەتمۇ ئاشكارىلاندى. 



ماتېرىيالدىن قارىغاندا، 052D تىپلىق قوغلىغۇچى پاراخوت - جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتى ھەم گېرمانىيەنىڭ ساكسېن دەرىجىلىك قوغدىغۇچى پاراخوتى، گوللاندىيەنىڭ يەتتە ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىغۇچى پاراخوتى، دانىيەنىڭ ئىۋېر خۇيىتفلىد دەرىجىلىك قوغدىغۇچى پاراخوتى، ياپونىيەنىڭ كۈز دەرىجىلىك قوغلىغۇچى پاراخوتى، خىيۇگا دەرىجىلىك قوغلىغۇچى پاراخوتتىن كېيىنكى، تۆت تەرەپتىن ئاكتىپ فازىلىق كونترول قىلىنىدىغان رادار ۋە ئۇنىۋېرسال تىك قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن ئالتىنچى خىل زامانىۋىيلاشقان ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىدىغان ھەربىي پاراخوت. 

تۇنجى يۈرۈش 052D تىپلىق قوغلىغۇچى پاراخوت كۈنمىڭ ناملىق 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى سۇغا چۈشۈرۈلگەن، 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى جەڭ تەرتىپىگە رەسمىي قوشۇلغان. جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كەلگۈسى ئىككى ئۆلچەملەشكەن قوغلىغۇچى پاراخوت تەرەققىيات قاتارىدىكى 6000 توننا دەرىجىلىك پاراخوت بولۇش سۈپىتى بىلەن، 052D تىپلىق ھازىرقى باسقۇچتىكى 6000 توننا دەرىجىلىك قوغلىغۇچى پاراخوت بولىدۇ. 



ئالدىنقى مەزمۇن: ئامېرىكا خىيۇستوندا بىر كىچىك تىپلىق ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم قازا قىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: دېڭىز ئارمىيەسى خەينەندە ئەمەلىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号