ss ss ss ss

جۇڭگو نېمىشقا ش ئا ئە ت غا قارشى يېڭى ۋارشاۋا تەشكىلاتى قۇرۇپ چىقمايدۇ؟
2016-06-08 12:26:13   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ۋارشاۋا ئەھدىنامىسى تەشكىلاتىنىڭ گېربى


سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، يەنى 1991-يىلىدىن باشلاپ، ۋارشاۋا ئەھدىنامىسى تەشكىلاتى تارقىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. كېيىنكى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، رايون كۈچلۈك دۆلەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان رۇسىيە بىلەن جۇڭگو نېمىشقا يېڭىدىن ئىتتىپاق قۇرۇپ چىقمايدۇ؟

ئالدى بىلەن زامان جەھەتتىن قارىغاندا، 1996-يىلىدىن بۇرۇنقى رۇسىيە پۈتۈنلەي غەربكە مايىل بولۇپ، غەربنىڭ ئۆزىگە ياردەم بېرىشىنى، ئۆزىنى ئارىغا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلغان. شۇڭلاشقا ئۇ جۇڭگو بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشنى خالىمايتتى.

جۇڭگو جەھەتتىن قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا بولغان تارىخىي تەھدىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن پىسخىكا جەھەتتىن يوقاپ كەتكىنى يوق، ئەڭ مۇھىمى ئىسلاھات ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتەك ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو، غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئېھتىياجلىق، يەنى تېنچ تەرەققىيات مۇھىتىغا موھتاج ئىدى.

ئوبېيكتىپ جەھەتتىن قارىغاندا، رۇسىيەمۇ جۇڭگو بىلەن بىرلىشىشنى خالىمايتتى. جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى رۇسىيەگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا تەھدىت ھېسابلىناتتى، ئىتتىپاق تۈزۈشسە چوقۇم بىرسى ئاكا، يەنە بىرى ئۇكا بولۇشى كېرەك، ئەمما رۇسىيە ئۇكا بولۇشقا قەتئىي ئۇنىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىساد جەھەتتىن جۇڭگوغا مۇستەملىكە بولۇش خەۋپىمۇ مەۋجۇت ئىدى.

ئىككىنچىدىن، بۇنىڭغا جۇڭگومۇ قوشۇلمايتتى. بۇ ئىقتىساد جەھەتتىن بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەرب ئىقتىسادى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن مۇھىم تۇراتتى، رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، غەرب بىلەن قارشىلاشسا، بۇ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئەجەللىك زەربە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭلاشقا سۇنىڭ ئېقىشى بويىچە ئىش كۆرۈش تەۋەككۈلچىلىك قىلغاندىن كۆپ ياخشى.

ئۈچىنچىدىن، جۇڭگو ھازىر غەربنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ رۇسىيەدە يوق. تۆتىنچىدىن، ناۋادا ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقلاشسا، بۇ غەربكە نىسبەتەن بىر غىدىقلاش بولىدۇ، غەرب ئەللىرى بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ، بۇنىڭغا جۇڭگو بىر نېمە دېيەلمەيدۇ. چۈنكى ئالدىنقى قېتىملىق سىناقنى جۇڭگو ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. شۇڭلاشقا جۇڭگومۇ ئېھتىياتچان بولىدۇ.

ۋارشاۋا ئەھدىنامىسى تەشكىلاتى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان سىياسىي ھەربىي ئىتتىپاق، 1955-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرۇلغان، 1955-يىلى غەربىي گېرمانىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، ياۋروپا سوتسىيالىزىم لاگېرىدىكى سەككىز دۆلەت «ۋارشاۋا ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالاپ، پولشا پايتەختى ۋارشاۋادا قۇرۇلغان. ياۋروپادا يۇگۇسلاۋىيەدىن، ئاسىيادا جۇڭگو بىلەن چاۋشيەندىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ئىتتىپاققا قاتناشقان، يۇقىرىدىكى دۆلەتلەر رەسمىي ئەزا، ۋېيتنام، موڭغۇلىيە، لائوس كۆزەتكۈچى دۆلەت سالاھىيىتىدە كىرگەن. 1991-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، رەسمىي تارقىتىۋېتىلگەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ گېربى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى: ئامېرىكا غەربىي ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن قۇرغان، ئورتاق قوغدىنىشنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان خەلقئارالىق ھەربىي گۇرۇھ، 1949-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. باش شىتابى بىريۇسسىلدا بولۇپ، بەش قېتىملىق كېڭىيىش ئارقىلىق، ھازىر بۇ ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەت 26 گە يەتكەن.

ئەزا دۆلەتلەر



ئالدىنقى مەزمۇن: قاھىرەدىكى مەخسۇس ئات-ئېشەكنىڭ «چېچى» نى قىرقىيدىغان ساتىراش
كېيىنكى مەزمۇن: ساياھەتچىلەر تېيىز سۇدا توختاپ قالغان «دېلفىن» نى قۇتقۇزماقچى بولغاندا ئۇنىڭ لەھەڭلىكىنى بايقىدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号