ss ss ss ss

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى: ياۋروپا لوڭقىسى دەرۋەقە بىخەتەرلىك تەھدىتىگە دۇچ كەلدى ھەم ئۇزۇن داۋاملىشىشى مۇمكىن
2016-06-06 15:02:51   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۇ جاي ۋاقتى 5-ئىيۇن، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند فىرانسىيە بىرلەشمە تېلېۋىزىيەسى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى.

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند 5-ئىيۇن، 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى دۇچ كەلگەن بىخەتەرلىك تەھدىتى دەرۋەقە مەۋجۇت، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل تەھدىت ئۇزۇن ۋاقىت مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن، دەپ ئىپادە بىلدۈردى. ئەمما ئۇ ئوخشاشلا يۈكسەك ھوشىيارلىقنى ساقلاش بىلەن بىرگە، يەنە بۇ خىل تەھدىتتىن قورقماسلىقنى تەكىتلىدى.

ھوللاند:«فىرانسىيە ئالدىنقى يىلى ئىككى قېتىملىق ھۇجۇم قىلىشنى بېشىدىن كەچۈردى. بىزدىن ئەينى ۋاقىتتا ئىختىيارسىزلا قانداق قىلىش كېرەك دەپ سورىغان، بىرىنچى سوئال بولسا: ب د ت ھاۋا كىلىماتى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق؟ بۇ قېتىملىق يىغىندا يەرشارى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىش مەسلىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا تارىخى خاراكتېرلىك كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق. ئەكىسچە بۇ ھەممىسى ئوخشاش بىر جايدا يۈز بەردى.» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

ھوللاند تېمىنى ياۋروپا لوڭقىسىغا يۆتكەپ:«ئىككىنچى مەسىلە بولسا مۇشۇنداق چوڭ كۆلەمدىكى تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى چىڭ تۇرۇپ ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزمەسلىكنى بېكىتىش، يەنە توپخۇمارلار رايونى تەسىس قىلىپ، زور مىقداردىكى تاماشىبىننى كۈتىۋېلىش. بىزنىڭ قارارىمىز بولسا مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپلا قالماستىن، توپخۇمارلار رايونىنى ساقلاپ قېلىش، يەنە مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇشنى ياۋروپانىڭ بىر قېتىملىق بايراملىق كاتتا زىياپىتىگە ئايلاندۇرۇش. بۇنىڭ ئۈچۈن، كۈچ چىقىرىپ، بىخەتەرلىك خىزمىتىگە قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنى 90 مىڭغا يەتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

«ئەلۋەتتە، تاماشىبىنلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ مەلۇم چەكلىمىگە ئۇچراشتىن دېرەك بېرىدۇ.» دەپ تەكىتلىدى ھوللاند، ياۋروپا لوڭقىسى بىر قېتىملىق كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەنگەن ۋە تەييارلىق قىلغان مۇسابىقە. مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەن توپخۇمارلار چوقۇم بىخەتەرلىكنى قوغداشقا ماسلىشىپ، بەدەن تەكشۈرىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ياۋروپا لوڭقىسى ئېچىلىش مۇراسىمىغا بەش كۈن قالغان ۋاقىتتا، ھوللاند نۆۋەتتە تېخىچە داۋاملىشىۋاتقان تۆمۈر يول ۋە ئاۋىئاتسىيە ئىش تاشلىشى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ تالاش-تارتىشنى پەسەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۈنىڭ ئۈستىگە ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەش تىرىشچانلىقى ئىلگىرلەشكە ئېرىشىۋاتىدۇ. «توپخۇمارلار سەپەرگە چىققاندا پويىز ياكى ئايروپىلان مەسىلىسى سەۋەبىدىن چەكلىمىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، كىشىلەر بۇنى چۈشىنەلمەيدۇ.» دېدى.

ھوللاند يەنە بۈگۈنكى كۈندە سۇ ئاپىتى مەسىلىسىمۇ پەيدا بولدى. ھۆكۈمەت ئىزچىل يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ، دەپ ئىپادە بىلدۈردى. 



ئالدىنقى مەزمۇن: «يولۋاس ئىبادەتخانىسى» دىن يەنە 20 دانە يولۋاس ئاسلانچىقىنىڭ جەسىتى تېپىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: ھىندونېزىيە باندا دېڭىزىدا 6.3 بال يەر تەۋرىدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号