ss ss ss ss

فارابىنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قازاقىستان دۆلەت پۇلى - تەڭگە
2016-05-20 15:16:03   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


قازاقىستان تەڭگىسى، قازاقىستاننىڭ پۇلى بولۇپ، 1993-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ئوبوروت قىلىنىشقا باشلىغان ۋە ئەسلىدىكى رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ ئورنىنى ئالغان. 

1993-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن باشلاپ يېڭى پۇل ئالماشتۇرۇلۇشقا باشلىغان. يېڭى پۇل ئەنگلىيىنىڭ زاۋۇتىدا بېسىلغان بولۇپ، بىر ئامېرىكا دوللىرى 4.75 تەڭگىگە باراۋەر بولغان. بەش كۈندىن كېيىن ئالماشتۇرۇش ئاياغلاشقان. 1995-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى قازاقىستان ئۆزى ئاچقان زاۋۇتتا پۇل بېسىشقا باشلىغان. 

قازاقىستاننىڭ پۇل بىرلىكى تەڭگە بولۇپ، بىرىنچى ئەۋلاد پۇل، 1، 2، 5، 10، 20، 50 تىيىن ۋە 1993-يىلى نەشىرىدىكى 1،3،5،10،20،50،100،200 تەڭگىدىن تەركىب تاپقان. 

1994-يىلى نەشىرىدىكى 500، 100 تەڭگە

2003-يىلى نەشىرىدىكى  10 مىڭ تەڭگە


بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسى «قازاقىستان»لىق پەيلاسوپ، مۇزىكانت ئەبۇ ناسىر فارابىنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.

ئارقا تەرىپىدىكى بىنا بولسا قازاقىستان پايتەختى ئاستانىگە جايلاشقان Baiterek مۇنارى. پۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سانلىق قىممەت بىلەن بىرىكتۈرۈلگىنى بولسا قازاقىستاننىڭ دۆلەت شېئىرىدىكى بەش نوتا، مۇنارنىڭ سول تەرىپىدىكى قازاقىستاننىڭ دۆلەت گرېبى، ئوڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى قازاقىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى، ئاستىدىكى بولسا بىر ئېچىلغان قول.

2008-يىلى نەشىرىدىكى 5000 تەڭگە (تەڭگە تارقىتىلغانلىقىنىڭ 15-يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تارقىتىلغان).

2010-يىلىدىكى، 1000 تەڭگە (ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك دۆلەت ئورنىغا ئولتۇرغانلىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تارقىتىلغان).

2012-يىلى نەشىرىدىكى تەڭگە، قازاقىستاننىڭ مىللىي خاتىرە ئابىدىسى، تۆت دانە پەرۋاز قىلىۋاتقان تىنچلىق كەپتىرى، Shabyt گۈزەل-سەنئەت سارىيى، ئاستىدا قازاقىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن دۆلەت گرېبى بېسىلغان. 





ئالدىنقى مەزمۇن: فىرانسىيە مىسىر ئاۋىئاتسىيەسى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ۋەقەگە ئۇچراش ئىشىنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: ئامېرىكا ئەمەلدارى: سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرىدە مىسىر يولۇچىلار ئايروپىلانىدا پارتلاش ئىزى بايقالمىدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号