ss ss ss ss

ھىندىستان دۆلەتلىك باغچىسىدا ئۈچ كەركىداننى چاقماق سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى
2016-05-19 23:58:46   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

      ئەنگىلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ھىندىستان دۆلەتلىك باغچىسىدا بىر <ئائىلىلىك> ئۈچ كەركىداننىڭ ھەممىسىنى چاقماق سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. بۇنىڭ ئىچىدە 27 ياشقا كىرگەن ئانا كەركىدان بىلەن 14 ياشقا كىرگەن بالا كەركىدان شۇنداقلا يەنە بىر يېڭى تۇغۇلغان كەركىدان بار ئىكەن.

   باغچا تەرەپ خادىمى ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇ ئۈچ دانە كەركىداننى چاقماق سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى، ئەينى چاغدا نەچچە ئىنگلىز مىلى دائىرىدە تەۋرىنىش بولغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئۈچ كەركىدان ئىزچىل غەربىي بېنگال ئۆلكىسىدىكى Gorumara دۆلەتلىك باغچىسىنىڭ ئورمانلىقىدا تۇرۇپ كەلگەن ئىكەن. ساقچى ئەمەلدارى ئۇما رانى ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: <بۇ كەركىدانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى پۈتۈنلەي چاقماق سوقۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ بىز ئويلاپ باقمىغان بىر ۋەقە بولدى>.

       كەركىدانلاردىن باشقا باغچىدىكى يەنە باشقا ھايۋانلارمۇ چاقماقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن باغچا ئورمانلىق رايونىنى تەكشۈرمەكتە. باغچا باشقۇرۇش ئەمەلدارى ئاجوي سېن مۇنداق دېدى: <بىز نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ ئۈچ كەركىداننىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىشەنمەيلا قالدۇق. كۆپچىلىك ئادەتتە كەركىدان بالىسىنى بەك ياخشى كۆرەتتى>.

     كەركىدانلارنى چاقماق سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇش ھىندىستاندا كەم ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئادەتتە ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلار ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئەڭ ئاغرىتىپ كەلگەنىدى. ئۆتكەن ئايدا ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋېللىيام بىلەن خانىش كەيت كازىرانكا دۆلەتلىك باغچىسى (Kaziranga National Park) ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ نەچچە سائەتتىن كېيىنلا بىر كەركىدان ئوغرىلىقچە ئوۋلىنىپ كەتكەنىدى.

      نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە بەش خىل كەركىداننىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولۇپ، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلار كەركىدان مۈڭگۈزىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايتتى. ۋېيتنامدا كەركىدان مۈڭگۈزىگە بولغان ئېھتىياج ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇ يەردىكى كىشىلەر كەركىدان مۈڭگۈزى ئېستىمال قىلسا ئەرلىكنى كۈچەيتىدۇ دېگەن خاتا قاراشتا بولۇپ كەلگەنىدى.



ئالدىنقى مەزمۇن: سومالىدا قەبىلىلەر توقۇنۇشى پارتلاپ، ئاز دېگەندىمۇ سەككىز ئادەم قازا قىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: سالۋادوردا «ھەييارلار خۇشاللىق بايرىمى» تەبرىكلەندى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号