ss ss ss ss

سۇداننىڭ بىر ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، بەش ئادەم قازا قىلدى
2016-05-01 21:39:45   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى خارتوم، 30-ئاپرېل تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سۇدان ھەربىي تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 30-ئاپرېل سۇدان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئەن-26 تىپلىق بىر ترانسپورت ئايروپىلانى سۇداننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئايروپىلاندىكى بەش ئايروپىلان خادىمى قازا قىلغان.

سۇدان ھەربىي تەرەپنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: بۇ ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سۇداننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى شىمالىي كوردوفان شىتاتىدىكى ئۇبەييىد ھەربىي ئايرودرومغا قونغاندا مېخانىكىلىق كاشىلا كۆرۈلۈپ چۈشۈپ كەتكەن، ھەمدە ئايروپىلانددىكى بەش ئايروپىلان خادىمى قازا قىلغان.

سۇدان ھەربىي تەرەپ، بۇ ترانسىپورت ئايروپىلانىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەزىپىسى ۋە باشقا ئۇچۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، سۇداننىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى كونىراپ كەتكەن بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت ئىكەن.



ئالدىنقى مەزمۇن: IS بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاككېرلار نيۇيورك ئاممىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارلىۋەتتى
كېيىنكى مەزمۇن: شىۋېتسىيە پادىشاھىنىڭ 70 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى تەبرىكلەندى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号