ss ss ss ss

تارىختىكى مەشھۇر شەخسلەر: گېرمانىيە 3-ئېمپىرىيىسىنىڭ رەھبىرى ھىتلېر
2016-04-24 11:21:46   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ئادلوف ھىتلېر (تىلىمىزدا ئومۇملاشقىنى بويىچە ئېلىندى)، Adolf Hitler،  ئۇ 1889-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، ئاۋسترىيىلىك كۆچمەنلەر ئەۋلادىدىن بولغان گېرمانىيىلىك، سىياسىئون، ھەربىي ئالىم، گېرمانىيە 3-ئىمپىرىيىسىنىڭ دۆلەت باشلىقى، زۇڭلىسى، ناتسېستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان شەخس. 

ھىتلېر فاشىزىمنى، چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلىدىغان، كوممۇنىزىمغا، كاپىتالىزىمغا، يەھۇدىزىمغا قارشى تۇرىدىغان، دۆلەت سوتسىيالىزىمى ئىشچىلار پارتىيىسى (ناتسېستلار پارتىيىسى) نى قۇرغان. ئۇ ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا گېرمانىيە باشچىلىقىدىكى يېڭى تەرتىپنى قۇرۇپ، گېرمانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغان ۋە گېرمانىيىنى قايتىدىن قوراللاندۇرغان. 3-ئىمپىرىيىنىڭ دۆلەت باشلىقى بولغاندىن كېيىن، ئارمىيىنى كېڭەيتىپ، ئۇرۇشقا ئاكتىپ تەييارلىق كۆرگەن ۋە 1939-يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ پولشاغا بېسىپ كىرىشىگە قوماندانلىق قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى رەسمىي پارتلىغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىل جەريانىدا نۇرغۇن جىنايەتلەرنى سادىر قىلىپ، ئالتە مىليون يەھۇدىيغا زىيانكەشلىك قىلغان ۋە قىرغان، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، گېرمانىيە زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.


1889-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ سائەت ئالتە يېرىم ئەتراپىدا، ھىتلېر براۋناۋدىكى بىر كىچىك مېھمانخانىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئوسمان ئىمپىرىيىسىدىكى بىر تاموژنا خىزمەتچىسىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق نىكاھىدا تۇغۇلغان ئۈچىنچى بالا، ئۈچ ئۇكىسى، ئىككى سىڭلىسى بار بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدىلا قازا قىلىپ كەتكەنلىكتىن، پەقەتلا ئاكىسى Alois Hitler بىلەن Paula Hitler لا ھايات قالغان. ھىتلېر كىچىك ۋاقتىدىلا دادىسىغا ئەگىشىپ، كاتولىك دىنى مۇرىتى بولغان. 

1895-يىلى، ھىتلېر ئالتە ياشقا توشقاندا، دادىسى ئۇنى بىر ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرگەن. ئۇنىڭ نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ، بۇ يىلى ئۇنىڭ 58 ياشلىق دادىسى تاموژنىدىن پېنسىيىگە چىققان ئىدى. شۇندىن كېيىنكى تۆت يىل جەريانىدا، لىنتز ئەتراپىدىكى كۆپلىگەن كەنتلەردە كۆچۈپ يۈردى. ھىتلېر 12 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇلار ئاللىقاچان يەتتە جايغا يۆتكىلىپ، بەش مەكتەپ ئالمىشىپ بولغان ئىدى. ھىتلېر لامباخ ئەتراپىدىكى موناستىردا ئىككى يىل ئوقۇدى، ئۇ ناخشا ئېيتىش سىنىپىغا تىزىملىتىپ، ناخشا دەرسىنى تاللىدى. ئۇنىڭ قوليازمىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ غايىسى بىر باستېر بولۇش ئىدى. 

11 ياشقا كىرگەن يىلى، ھىتلېر لىنتزدا ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇدى. بۇنىڭغا خېلى پۇل كېتەتتى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دادىسى ئوغلىنى ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭغۇزماقچى، يەنى ئۇنى دۆلەت مەمۇرى قىلماقچى بولغان. ئەمما بۇ ھىتلېر ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىش ئىدى. ئۇ دادىسى بىلەن تاكاللشىپ قالدى، ئۇ رەسسام بولماقچى ئىدى. بۇ قېتىملىق تاكاللىشىشنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى ھىتلېر مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغىلى ئۇنىمىدى. ھىتلېر لىنتز ئوتتۇرا مەكتىپىدە دىپلوم ئالالماي، ئامالسىز لىنتزدىن يىراق بولغان جايدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەلدى، ئۇ ئۇ يەردە ئۇزاق تۇرماي، مەكتەپ پۈتتۈرمەيلا بۇ يەردىنمۇ ئايرىلدى. 

1905-يىلى، 16 ياشلىق ھىتلېر سىياسىيغا قىزىقىشقا باشلىدى، ئۇنىڭدا خابسبۇرگ خاندانلىقى ۋە ئوسمان ئىمپىرىسىيى چېگرىسى ئىچىدىكى بارلىق گېرمان بولمىغان كىشىلەرگە قارىتا ئۆچمەنلىك تۇغۇلۇشقا باشلىدى.  ئۇ گېرمان مىللىتىنىڭلا بولىدىكەن، ھەممىسىنى ئورتاق سۆيەتتى، شۇنداق قىلىپ، ئۇ بىر قىزىققان گېرمان مىللەتچىسىگە ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن توختىماي كىتاب ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇ كىتابخانىلارغا، مۇزىيلارغا بېرىپ، توختىماي كىتاب ئارىيەت ئېلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كۈندە كىتابنىڭ ئىچىگىلا كىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئەڭ ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيدىغىنى بولسا گېرمانىيىنىڭ تارىخى ۋە گېرمانىيىنىڭ دىن توغرىسىدىكى مۇقەددەس كىتابلىرى ئىدى. 

1906-يىلى، ھىتلېر 17 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئانىسىنى قايىل قىلىپ ۋېنادىكى گۈزەل-سەنئەت ئىنىستۇتىغا ئوقۇشقا كىردى. 1907-يىلى ۋە 1908-يىلى ئۇ ئىككى قېتىم ۋېنا گۈزەل-سەنئەت ئىنىستۇتى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ھىتلېرنىڭ تۇرمۇشى خارابلىشىشقا باشلىدى. ئارقىدىن ئوسمان ئىمپىرىيىسىدىن ئىبارەت ھىتلېر ئۆچ بۇ دۆلەت ئەسكەر قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش ئۈچۈن ئۇ ميۇنخېنغا كەلدى ۋە ۋېنا كوچىسىدا رەسىم سىزىپ، تۇرمۇشىنى قامداشقا باشلىدى، بەزىدە باشقىلارغا ياللىنىپ قار تازلىدى، يۈك-ياق كۆتۈردى.


1914-يىلى 8-ئايدا، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى، ھىتلېر پىدائىي سۈپىتىدە گېرمانىيە باۋارىيە زاپاس ئەسكەرلەر پولكىنىڭ 16-پولكىغا قاتناشتى ۋە غەربىي لىنيىدە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئەنگلىيە-فرانسىيىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەرگە قاتناشتى. 

1917-يىلى، ئۇ يارلىققا ئاساسەن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكەرگە ئۆستۈرۈلدى ۋە ئۇرۇشتا قەيسەر بولغانلىقتىن، بىرىنچى دەرىجىلىك تۆمۈر كېرىست ئوردىنىغا ئېرىشتى. 1916-يىلى سوم دەرياسى ئۇرۇشىدا، ئۇنىڭ پۇتى زەمبىرەك ئوقى تەرىپىدىن يارىلىنىپ، 1917-يىلى 3-ئايدا، قايتا جەڭ مەيدانىغا قايتتى. 

1918-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۇ قىچا گازى ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ۋاقىتلىق كۆرۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالدى. ئۇ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە، گېرمانىيە تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى. 

1919-يىلى 9-ئايدا، ئۇ گېرمانىيە ئىشچىلا پارتىيىسىگە كىردى ۋە رازۋېدكا خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە پۈتۈن زېھنى بىلەن پارتىيىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ناتىقلىق قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ، ھەر قايسى جايلاردا ئۆزىنىڭ قوللىرىغۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە باشلىدى. كېيىن بۇ پارتىيىنىڭ رەئىسى باشقىلارنىڭ تەكلىۋىگە زەڭ سالماي، ھىتلېرنى تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى. چوڭ ھوقۇقنى قولىغا تۇتقان ھىتلېر شۇ چاغدا مودا بولۇۋاتقان مىللەتچىلىك ۋە سوتسىيالىزىمدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئېقىمدىن تولۇق پايدىلىنىپ، گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنى «دۆلەت سوتسىيالىزىمى گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى» گە ئۆزگەرتتى. 1920-يىلى ئۇ قىسىمدىن چېكىنىپ، پارتىيىنىڭ بايرىقى ۋە گېربىنى ئۆزگەرتتى. 

ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ باشقىلارنى مەجبۇرلاپ، ئۆزىنى پارتىيىنىڭ باشلىقى قىلىپ سايلاشقا قىستىدى. ئۇ پارتىيە نىزامنامىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، پارتىيە كومېتىتىنى بىكار قىلدى، سايلام تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىدى ۋە پارتىيىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى. 

1923-يىلى ئۇ مەيخانا توپىلىڭىنى قوزغاپ مەغلۇب بولدى، ھۆكۈمەت ناتسىستلار پارتىيىسىنى چەكلىدى. 

1925-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۇ تۈرمىدىن چىقتى. پاگولىيە (گېرمانىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن شىتاتنىڭ بىرى) زۇڭلىسىغا خاتالىقىنى تونۇپ، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، 2-ئايدا پاگولىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ پارتىيىسىگە بولغان چەكلەشنى بىكار قىلدى. 

1928-يىلى، قاتمۇقات مۇشەققەتلەردىن كېيىن، ئۇ نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك ئەزاسى بولغان، قوراللىق تەشكىلات تەشكىللەپ چىقتى. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىدى ناتسىستلارنىڭ پائالىيىتىنى قوغداپ، باشقا پارتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىدى. 

1929-يىلى 10-ئايدىكى دۇنياۋى ئىقتىسادىي كىرزىس ئۇنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ بۇ ئىقتىسادىي كىرزىسنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ، «ۋېرسال شەرتنامىسى» غا ئىمزا قويۇپ، ئۇرۇش تۆلىمى تۆلىگەنلىكنىڭ نەتىجىسى دەپ جار سېلىپ، ئۈچىنچى ئىمپىرىيىنىڭ دۆلەت باشلىقلىقىغا سايلاندى. 

ئۇ دۆلەت باشلىقى بولغاندىن كېيىن، ئۇرۇشقا ئاكتىپ تەييارلىق كۆرۈپ، ئىقتىسادنى پۈتۈنلەي دۆلەت كونتروللۇقىغا ئالدى. 1939-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، ھىتلېر گېرمانىيىنىڭ پولشانىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، پولشاغا بېسىپ كىردى، ئەنگلىيە-فرانسىيە ئىككى دۆلەت گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇمۈيۈزلۈك پارتلىدى. 

1939-يىلى 10-ئايدا فرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە ليۇكسىمبۇرگقا ھۇجۇم قىلىش مەخپىي ھۈججىتىنى ئېلان قىلدى. ئەمما ئالدى بىلەن دانىيە، نورۋېگىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، دېڭىز بويىدىكى مۇھىم ئېستىراتىگىيىلىك جايلارنى ئىگەللىدى. كېيىن گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسىمبۇرگنى ئىگەللەپ، 1940-يىلى 5-ئايدا فرانسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. 

فرانسىيىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ رەقىبىدىن پەقەتلا ئەنگلىيە ئېشىپ قالدى. 1940-يىلى يازدا ئەنگلىيىگە ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇتۇققا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن،  سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى تۈزدى. ئۇ ھۇجۇم قوزغاشتىن بۇرۇن ئاللىقاچان 14 دۆلەتنى ئىگەللەپ بولغان، ئۇندىن باشقا رۇمىيە، ۋېنگرىيە، بۇلغارىيە، يوگۇسلاۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆزىگە قاراشلىق دۆلەت قىلىپ بولغان ئىدى. ئۇ سوۋېت ئىتتپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، گەرچە ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە ئوڭۇشلۇق بولغان بولغان بولسىمۇ، ئەمما موسكۋا ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولدى. بىر يىلدىن كېيىن سىتالىنگراد جېڭىدە پۈتۈنلەي مەغلۇب بولۇپ، مۇداپىئەگە چۈشۈپ قالدى. 1941-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ياپونىيە پېئارل خاربورغا ھۇجۇم قىلدى، 12-ئاينىڭ 11-كۈنى، ھىتلېر ئامالسىز ئامېرىكىغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى.1943-يىلى 2-ئايدا، سىتالىنگرادتىن چېكىنىشكە باشلىدى. 

1945-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلىت ۋاپات بولدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھىتلېر ئۇرۇشنى قايتىدىن داۋاملاشتۇرماقچى بولدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى 4-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە داۋاملاشتى.  4-ئاينىڭ 22-كۈنى، بېرلىننىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىگەللەنگەندىن كېيىن، 4-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشنىسى Eva Braun بىلەن رەسمىي توي قىلدى، 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، سوۋېت ئارمىيىسى پارلامېنتنى ئىگەللىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يېرىمدا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھۇجۇمدىن ساقلىنىدىغان يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. جەسىتى بولسا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ھەربىي ئەدىيالغا ئورۇلۇپ، زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ كەينىدىكى گۈللۈكتە ئوت قويۇپ بېرىلدى.





ئالدىنقى مەزمۇن: تېڭشۈن تورى: بىر ھەپتىلىك نادىر سۈرەتلىك خەۋەرلەر
كېيىنكى مەزمۇن: دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە ھۆسىن تۈزەتكۈچىلەر

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号