ss ss ss ss

مەملىكىتىمىز 29-نومۇرلۇق يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى
2015-11-28 01:59:05   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

 مەملىكىتىمىز 29-نومۇرلۇق يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

   

    شىنخۇا تورى، تەييۈەن، 27-نويابىر تېلېگراممىسى: تەييۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە 27-نويابىر سائەت 5:24 دە مەملىكىتىمىز ئۇزۇن سەپەر 4-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق 29-نومۇرلۇق يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھنى ئاسمانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى.   

   29-نومۇرلۇق يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھ ئاساسلىقى پەن-تېخنىكا سىنىقى، دۆلەت-زېمىن بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، دېقانچىلىق زىرائەتلىرىنى مۆلچەرلەش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن سۈنئىي ھەمراھ ۋە توشۇغۇچى راكېتانى جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پەن-تېخنىكا گورۇھى شىركىتى قارمىقىدىكى شاڭخەي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكا تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان، بۇ ئۇزۇن سەپەر تۈرىدىكى توشۇغۇچى راكېتانىڭ 219-قېتىم ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئالدىنقى مەزمۇن: جامائەت خەۋپسىزلىكى كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىدىكى قانۇنسىز ھەرىكەتنى تۈزەشنى ئورۇنلاشتۇردى
كېيىنكى مەزمۇن: جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى خاتىرە پۇلى ئاشكارا تارقىتىلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号