ss ss ss ss

شى جىنپىڭ جېجياڭنىڭ جوۋشەن شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى
2015-06-03 11:51:18   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


 25-ماي چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭنىڭ جوۋشەن شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئالدى بىلەن شەھەرلىك كۆرگەزمە سارىيىغا كېلىپ، جوۋشەن تاقىم ئاراللىرى يېڭى رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر، قۇم مودېل، قىسقا فىلىم قاتارلىقلارنى كۆردى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇللاردىن تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلىدى

    شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 25-ماي تېلېگراممىسى: 25-ماي چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭنىڭ جوۋشەن شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئالدى بىلەن شەھەرلىك كۆرگەزمە سارىيىغا كېلىپ، جوۋشەن تاقىم ئاراللىرى يېڭى رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر، قۇم مودېل، قىسقا فىلىم قاتارلىقلارنى كۆردى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇللاردىن تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلىدى. يىراق دېڭىزدىن بېلىق تۇتۇش جاپالىقمۇ؟ بېلىق تۇتۇشتىن قانچە ئاي توختايسىلەر؟ جوۋشەندىن نىڭبوغىچە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ بېلىقچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەن ئەمەستۇ؟ بۇ يەرگە كېلىدىغان سىرتنىڭ مەبلىغى كۆپمۇ؟... بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جوۋشەنگە 14-قېتىم كېلىشى. شى جىنپىڭ 2002-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، دېڭىزغا چىقاتتى، بېلىقچىلار كەنتىگە باراتتى، بېلىقچىلارنى زىيارەت قىلاتتى، جوۋشەننىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلاتتى، ئىلمىي پىلانلايتتى. ئېكسكۇرسىيەدە شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىلدا جوۋشەننىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن زور بوپتۇ، ھازىرقى ھالىتىنى پەقەت تونۇغىلى بولمايدىكەن.












ئالدىنقى مەزمۇن: چەتئەللەرنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى
كېيىنكى مەزمۇن: لى كېچياڭ چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېت بىلەن سۆھبەتلەشتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号