ss ss ss ss

مەركەز كارخانىلىرى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىزاڭ، چىڭخەي ۋە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلاردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
2018-05-05 19:37:42   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىزاڭ، چىڭخەي ۋە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار جۇڭگو ئىختىساسلىقلار تورى (www.newjobs.com.cn) غا چىقىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىغا قاراپ خىزمەت ئىزدىسە بولىدۇ. بۇ، 7-نۆۋەتلىك مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىزاڭ، چىڭخەي، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس خىزمەتكە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى بولۇپ، 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

  خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى شىزاڭ، چىڭخەي، شىنجاڭ، سىچۈەن، يۈننەن ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ زاڭزۇلار رايونىدىكى 2018-يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار (ئوقۇش تەۋەلىكى يەرلىكتە ۋە مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن نوپۇسى شۇ يەردە بولغان ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى ئاساس قىلىدۇ. مەخسۇس خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە توردا قوبۇل قىلىش ئاساس قىلىنىدۇ. ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، دۆلەت بايلىقى قاتارلىق تارماقلار ۋە مەركەز كارخانىلىرى مۇۋاپىق پەيتتە كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/05/03/035194327.shtml

ئالدىنقى مەزمۇن: خېبىي: ھەقسىز تەربىيەلەش يېزا ئاياللىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى
كېيىنكى مەزمۇن: ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرىغا ئېھتىرام بىلدۈرەيلى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号