ss ss ss ss

سۈن چۈنلەن : يېڭىچە سەھىيە-ساغلاملىق مۇلازىمىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش
2018-05-05 19:37:37   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ ۋە ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىرى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، «ئالاقە تورى + داۋالاش ۋە ساغلاملىق» يېڭىچە سەھىيە-ساغلاملىق مۇلازىمىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ شەھەر-يېزا ئاھالىسى بىلەن نامرات ئائىلىلەرگە ئەلا داۋالاش مۇلازىمىتىدىن ئورتاق بەھرىمان قىلىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

نىڭشيا گۇيۈەن شەھىرى كونا ئىنقىلابىي رايون، مىللىي رايون، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن نامرات رايون بولۇپ، سۈن چۈنلەن شەھەر، ناھىيە، يېزا، كەنت داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىغا كىرىپ، سەھىيە-ساغلاملىق مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، نامرات ئائىلە ۋە تېببىي خادىملارنى يوقلاپ زىيارەت قىلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ساغلام نامراتلىقنى يۆلەش نۆۋەتتىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، بايلىق توپلاش، توغرا تەدبىر قوللىنىش، ئۆتكەلگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. داۋالاش بىرلەشمە گەۋدە سۇپىسى، يىراق مۇساپىلىك داۋالاشنى تىرەك قىلىش، ئاساسىي قاتلام، بولۇپمۇ نامرات رايونلاردىكى داۋالاش ئاپپاراتى بىلەن چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك، پۇقرالارنىڭ يېقىن ئەتراپتا داۋالىنىشىغا، ئاز پۇل بىلەن كېسىلىنى ياخشى داۋالىتىشىغا كاپالەتلىك كېرەك. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىر تۇتاش جارى قىلدۇرۇپ، ئېغىر كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسى، داۋالاش ياردىمى قاتارلىق كاپالەت ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، نامرات بىمار، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇشنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېغىر كېسەللەرنى ئۇل خاراكتېرلىك كاپالەتكە ئېرىشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم. چوڭ ساغلاملىق چوڭ سەھىيە ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، يېزا سەھىيە مۇھىتنى تۈزەش، ئاكتىپ ھالدا ساغلاملىق مائارىپىنى قانات يايدۇرۇش، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش، خەلق ئاممىسىنى ئاز كېسەل بولۇش، كېسەل بولماسلىقتەك ھالەتكە يەتكۈزۈش. نامرات رايونلاردا يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىنچىكە باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام ئوزۇقلاندۇرۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش.

سۈن چۈنلەن يەنە يىنچۈەن شەھەرلىك دوختۇرخانا ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ئالاقە تورى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ يىراقتىن داۋالاش، كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئالاقە تورى + داۋالاش ۋە ساغلاملىق» داۋالاش بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقى، يېتەرلىك بولماسلىقىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرىدۇر. سەھىيە ساغلاملىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ساغلاملىق ھەققىدە مەسلىھەت بېرىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئالدىن كېلىشىملىك تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش، بىر جايدا راسچوت قىلىش قاتارلىق لىنىيەدە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش تەسىراتىنى ياخشىلاش. ئالاقە تورى بىلەن ئائىلە دوختۇرى توختاملىق مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆيىدە قالغان بالىلار، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بىمارلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ توختام مۇلازىمىتىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەش كېرەك. يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئالاقە تورى ساغلام مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ چىقىشىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئالاقە تورى داۋالاش ھەققى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنتېرنېت تورى داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ كۆپەيتىشكە بولىدىغان ۋە سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىنىڭ بارلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.


ئالدىنقى مەزمۇن: ‏‏مەركەز مالىيەسى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى ئېچىۋېتىشكە 930 مىليون يۈەن ئاجرىتىدۇ‏
كېيىنكى مەزمۇن: خېبىي: ھەقسىز تەربىيەلەش يېزا ئاياللىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号