ss ss ss ss

‏‏مەركەز مالىيەسى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى ئېچىۋېتىشكە 930 مىليون يۈەن ئاجرىتىدۇ‏
2018-05-05 19:37:29   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 2-كۈنى مالىيە مىنىستىرلىقى مەدەنىيەت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەز مالىيەسى 2018-يىلى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەقتە ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، يېقىندا 930 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجراتقان.

مالىيە مىنىستىرلىقى مەدەنىيەت مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى ئېچىش-باشقۇرۇش ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتكە پائال ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەقتە ئېچىۋېتىشنى قوللاش ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، بۇ ياردەم مەبلىغى بىر تۇتاش ھالدا چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنىڭ جەمئىيەتكە ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەقتە ئېچىۋېتىلىدىغان ئاساسىي تەنتەربىيە مۇلازىمەت تۈرىگە لازىم بولىدىغان چىقىملارغا ئىشلىتىلىدۇ.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/05/03/035194431.shtml

ئالدىنقى مەزمۇن: موم بىلەن گۈل بېسىش ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرغان ياش
كېيىنكى مەزمۇن: سۈن چۈنلەن : يېڭىچە سەھىيە-ساغلاملىق مۇلازىمىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号