ss ss ss ss

موم بىلەن گۈل بېسىش ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرغان ياش
2018-05-05 19:37:29   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

  5-ئاينىڭ 2-كۈنى، گۇيجۇ ئۆلكىسى دەنجەي ناھىيەسىدىكى جاڭ يىپىڭ يانفون تورى بىۋاستە تارقىتىشىدىن پايدىلىنىپ موم بىلەن گۈل بېسىلغان مەھسۇلاتىنى تەشۋىق قىلماقتا.


شىنخۇا تورى خەۋىرى: بۇ يىل ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن جاڭ يىپىڭ موم بىلەن گۈل بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەن ياش. جاڭ يىپىڭ 1993-يىلى «موم بىلەن گۈل بېسىش ماكانى» دېگەن شەرەپلىك نامى بار گۇيجۇ ئۆلكىسى دەنجەي ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. يۇرتىدىكى موم بىلەن گۈل بېسىش مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىر قىلىشى، ئاپىسىنىڭ بىر قوللۇق يېتەكلىشى نەتىجىسىدە ئۇ موم بىلەن گۈل بېسىشقا قىزغىن ئىشتىياق باغلىدى. 2014-يىلى سىرتلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەن جاڭ يىپىڭ  موم بىلەن گۈل بېسىش ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، موم بىلەن گۈل بېسىش مەدەنىيىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن،يۇرتى  دەنجەي ناھىيەسى ياڭبىن بازىرىغا قايتىپ كېلىپ، موم بىلەن گۈل بېسىش قول ھۈنەر ھەمكارلىق كوپېراتىپىنى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ موم بىلەن گۈل بېسىش ئىگىلىك تىكلەش يولىنى ئاچتى.  ئۇ 2016-يىلى ناھىيەلىك مەدەنىيەت تارماقلىرىنىڭ ياردەم بېرىشى ئاستىدا موم بىلەن گۈل بېسىش شىركىتىنى قۇردى، «شىركەت+كوپېراتىپ+قول ھۈنەر ئۇستىسى» ئەندىزىسى بويىچە موم بىلەن گۈل بېسىلغان ئۆي جاھازىلىرى، كىيىم-كېچەك قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئۇ موم بىلەن گۈل بېسىلغان مەھسۇلات مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنى ئاچتى، ناھىيە بازىرى ئەتراپىغا قول ھۈنەر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇردى ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مەھسۇلاتلارنى سېتىپ، يۇرتىدىكى 100دىن ئارتۇق ئايالنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلىدى. ئۇ: مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۆز ماركامدىكى موم بىلەن گۈل بېسىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، مياۋزۇ مىللىتىمىزنىڭ قەدىمىي، بېزەكسىز بولغان موم بىلەن گۈل بېسىش مەدەنىيىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت، دېدى.

  (خۇاڭ شياۋخەي فوتوسى)

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/05/03/035194321.shtml

ئالدىنقى مەزمۇن: تېلېۋېزىيە تىياتىرى «چېگرا رايوندىكى مۇھەببەت»نى كۆرۈش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
كېيىنكى مەزمۇن: ‏‏مەركەز مالىيەسى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى ئېچىۋېتىشكە 930 مىليون يۈەن ئاجرىتىدۇ‏

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号