ss ss ss ss

لەۋزىدە تۇرمىغان بۇ كىشىلەر دۆلەت مەمۇرلىقىغا قوبۇل قىلىنمايدۇ
2018-04-16 12:32:54   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

  يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان بىر قانچە سۇبيېكتلارغا بىرلىكتە جازالاشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئەسلەتمىنى ئېلان قىلدى، بۇ نىكاھقا تىزىملىتىش، خەير-ساخاۋەت ئىئانىسى، ئائىلە مۇلازىمىتى، جامائەت بايلىقى سودىسى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، يەنە بەلگىلىك مۆھلەت ئىچىدە لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغانلارنىڭ پويىز، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشىنى مۇۋاپىق چەكلەش توغرىسىدىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى تەسلىشىدىغان بولدى.

  ئەگەر سىز نىكاھقا تىزىملىتىش، خەير-ساخاۋەت ئىئانىسى، ئائىلە مۇلازىمىتى، جامائەت بايلىقى سودىسى قاتارلىق ساھەلەردە لەۋزىڭىزدە تۇرمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ دۆلەت مەمۇرلىقىغا قوبۇل قىلىنىشىڭىز چەكلىنىدۇ.

  «نىكاھقا تىزىملاتقان لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان دەۋالاشقۇچىلارغا بىرلىكتە جازالاشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» گە ئاساسەن، نىكاھقا تىزىملاتقان لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان دەۋالاشقۇچىلار 14 تۈرلۈك بىرلىكتە جازالاش تەدبىرىگە دۇچ كېلىدۇ، بۇ، نىكاھقا تىزىملاتقان لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دۆلەت مەمۇرلىقى، كەسپى ئورۇنلارغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  نىكاھقا تىزىملىتىشتا قايسى قىلمىشلار لەۋزىدە ئېغىر تۇرماسلىققا تەۋە؟ بىرىنچى، ساختا، ئۆزگەرتىپ ياسىغان ياكى باشقىلارنىڭ كىملىك، نوپۇسىنى ئىشلىتىپ، جورىسى يوقلۇقى توغرىسىدىكى ئىسپاتنى ۋە باشقا كېنىشكىلارنى ئىشلەتكەنلەر ئىككىنچى، جورىسى يوق، بىۋاستە تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى يوق، ئۈچ ئەۋلادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىرەم قانداش تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى يوق قاتارلىقلارغا ئوخشاش ساختا بايانات بەرگەنلەر ئۈچىنچى، قارشى تەرەپنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن ئەھۋاللارنى قەستەن يوشۇرغان، قارشى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيانكەشلىك قىلغانلار تۆتىنچى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى» ۋە «نىكاھ تىزىملاش نىزامى» غا ئېغىر خىلاپ قىلمىشلار.

  «ئائىلە مۇلازىمىتى ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان مەسئۇلىيەت سۇبيېكىتلىرىنى بىرلىكتە جازالاش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» ئاساسەن، لەۋزىدە تۇرمىغان ئائىلە مۇلازىمىتى كارخانىلىرى ھەمدە لەۋزىدە تۇرمىغان ئائىلە مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ قانۇنى ۋەكىللىرى، ئاساسلىق مەسئۇلى ۋە لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشىدا بىۋاستە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان كەسىپكارلار 28 تۈرلۈك بىرلەشمە جازالاش تەدبىرىگە دۇچ كېلىدۇ، جازالاش ئوبيېكىتلىرىنى دۆلەت مەمۇرلىقى ياكى كەسپى ئورۇنلارغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىش (تەكلىپ قىلىش) چەكلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، «جامائەت بايلىقى سودىسى ساھەسىدە لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان سۇبيېكىتلارنى بىرلىكتە جازالاشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئەسلەتمە» شۇنداقلا «قانۇن بويىچە دۆلەت مەمۇرلىقى ياكى كەسپى ئورۇنلارغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىش (تەكلىپ قىلىش)نى چەكلەش» بىرلىكتە جازالاش تەدبىرىگە كىرگۈزۈلدى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/04/10/035160825.shtml

ئالدىنقى مەزمۇن: لەۋزىدە تۇرمىغانلار باھالاشقا قاتناشسا بولمايدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: جاڭشۇدا مەھەللە جامائەت پاراۋانلىقى سىنىپلىرىنى تەسىس قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号