ss ss ss ss

لەۋزىدە تۇرمىغانلار باھالاشقا قاتناشسا بولمايدۇ
2018-04-16 12:32:47   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان بىر قانچە سۇبيېكتلارغا بىرلىكتە جازالاشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئەسلەتمىنى ئېلان قىلدى، بۇ نىكاھقا تىزىملىتىش، خەير-ساخاۋەت ئىئانىسى، ئائىلە مۇلازىمىتى، جامائەت بايلىقى سودىسى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، يەنە بەلگىلىك مۆھلەت ئىچىدە لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغانلارنىڭ پويىز، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشىنى مۇۋاپىق چەكلەش توغرىسىدىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ كۈنى بارغانسېرى تەسلىشىدىغان بولدى.
ئەگەر سىز نىكاھقا تىزىملىتىشتا لەۋزىڭىزدە ئېغىر تۇرمىغان بولسىڭىز، ئەخلاق نەمۇنىچىسى قاتارلىق باھالاشلارغا قاتنىشىشىڭىز چەكلىنىدۇ. «ئەسلەتمە» گە ئاساسەن، نىكاھقا تىزىملىتىشتا لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان دەۋالاشقۇچىلار ئەخلاق نەمۇنىچىسى،  «4-ماي» ياشلار مۇكاپاتى، «8-مارت» قىزىل بايراقدارى، مەملىكەتلىك بەشتە ياخشى مەدەنىي ئائىلىلەر، ئەڭ گۈزەل ئائىلە قاتارلىقلارنى باھالاشقا قاتنىشىشى چەكلىنىدۇ، بۇ شان-شەرەپكە ئېرىشكەنلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
ئائىلە مۇلازىمەت ساھەسىدە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ تەرتىپ بويىچە شەرەپ نامى دەل ۋاقتىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك. جازالاش ئوبيېكىتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالىنىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، جازالاش ئوبيېكىتلىرىغا «مەدەنىي ئورۇن»، «ئەخلاق نەمۇنىچىسى»، «ئەمگەك نەمۇنىچىسى»، «1-ماي» ئەمگەك مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلەر بېرىلمەيدۇ.
مۇناسىۋەتلىك «ئەسلەتمە» گە ئاساسەن، خەير-ساخاۋەت ئىئانە ساھەسىدە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ شەرەپ نامى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىشى چەكلىنىدۇ، شەرەپ نامى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ بولغانلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. جامائەت بايلىقى سودىسى ساھەسىدە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ، تەرتىپ بويىچە مۇناسىۋەتلىك تەقدىرلىنىشى ۋە مۇكاپاتلاشقا ئېرىشىشى دەل ۋاقتىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئىلغارلارنى باھالاش، مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/04/11/035161688.shtml

ئالدىنقى مەزمۇن: سېرىسگۈل نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى
كېيىنكى مەزمۇن: لەۋزىدە تۇرمىغان بۇ كىشىلەر دۆلەت مەمۇرلىقىغا قوبۇل قىلىنمايدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号