ss ss ss ss

لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ يۇقىرى ئىستېمالدا بولۇشى چەكلىنىدۇ
2018-04-11 13:12:47   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان بىر قانچە سۇبيېكتلارغا قارىتا بىرلىكتە جازالاشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئەسلەتمىنى ئېلان قىلدى، بۇ نىكاھقا تىزىملىتىش، خەير-ساخاۋەت ئىئانىسى، ئائىلە مۇلازىمىتى، جامائەت بايلىقى سودىسى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، يەنە بەلگىلىك مۆھلەت ئىچىدە لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغانلارنىڭ پويىز، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشىنى مۇۋاپىق چەكلەش توغرىسىدىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ كۈنى بارغانسېرى تەسلىشىدىغان بولدى.

«ئەسلەتمە» گە ئاساسەن، ئائىلە مۇلازىمەت ساھەسىدە ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىنسا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەمۇرىي جازا بېرىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىستېمالنى چەكلەش تەدبىرىنى قانۇن بويىچە قوللىنىدۇ ياكى قانۇن بويىچە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى ئىجرا قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزىدۇ، ئايروپىلان، يۇمشاق كارىۋاتلىق پويىز، باش ھەرىپى G بولغان دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسى، باشقا دىنامىكىلىق پويىزلارنىڭ 1-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلىرىغا ئولتۇرۇش قاتارلىق يۇقىرى ئىستېمال ھەمدە باشقا تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە ئېھتىياجلىق بولمىغان ئىستېمال ھەرىكەتلىرى چەكلىنىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە، جازالاش ئوبيېكىتلىرى – لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچى ھەمدە لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، ئاساسلىق مەسئۇلى، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى، قەرزنىڭ ئادا قىلىنىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ يېڭىدىن ئالىي دەرىجىلىك ئۆي سېلىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش، بېزىشى چەكلىنىدۇ، تىجارەت قىلىشقا زۆرۈر بولمىغان ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىش قاتارلىق تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە ئېھتىياجلىق بولمىغان ئىستېمال ھەرىكەتلىرى چەكلىنىدۇ.

ئەگەر خەير-ساخاۋەت ئىئانە پائالىيىتىدە لەۋزىدە تۇرمىغانلىق قىلمىشى بولسا ئايروپىلان، يۇمشاق كارىۋاتلىق پويىز، باش ھەرىپى G بولغان دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسى، باشقا دىنامىكىلىق پويىزلارنىڭ 1-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلىرىغا ئولتۇرۇش قاتارلىق يۇقىرى ئىستېمال ھەمدە باشقا تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە ئېھتىياجلىق بولمىغان ئىستېمال ھەرىكەتلىرى چەكلىنىدۇ. تىجارەت قىلىشقا زۆرۈر بولمىغان ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىش قاتارلىق تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە ئېھتىياجلىق بولمىغان ئىستېمال ھەرىكەتلىرى چەكلىنىدۇ. جامائەت بايلىقى سودىسى قاتارلىق ساھەلەردە، قانۇن بويىچە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ يېڭىدىن ئالىي دەرىجىلىك ئۆي سېلىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش، بېزىشى چەكلىنىدۇ، تىجارەت قىلىشقا زۆرۈر بولمىغان ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىش قاتارلىق تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە ئېھتىياجلىق بولمىغان ئىستېمال ھەرىكەتلىرى چەكلىنىدۇ.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/04/11/035161685.shtml

ئالدىنقى مەزمۇن: ئېلىمىزدە شەھەر ساغلاملىقى «يىللىق تەكشۈرتۈلىدۇ»
كېيىنكى مەزمۇن: ۋۇخەن شەھىرى چىڭشەن رايونى چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسىي مۇنار قۇرۇلۇشى تاماملاندى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号