ss ss ss ss

چوكانتال بايرىمىدا قەھرىمانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى
2018-04-11 13:12:29   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

   

 شەندوڭ ئۆلكىسى زاۋجۇاڭ شەھىرى گۇاڭمىڭ يولى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى زاۋجۇاڭ ئىنقىلابىي قەھرىمانلار قەبرىستانلىقىدىكى نامسىز قەھرىمانلارغا گۈل تەقدىم قىلدى. چوكانتال بايرىمىدا مەملىكەتتىكى ھەر قايسى جايلار تۈرلۈك شەكىللەردە قەبرە سۈپۈرۈش شۇنداقلا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، تارىخنى ئەسلەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى.

  

  شەندوڭ ئۆلكىسى يەنتەي شەھىرى تەرەققىيات رايونى ج خ شۆبە ئىدارىسىدىكى ساقچىلار 4-ئاينىڭ 4-كۈنى يەنتەي شەھىرىگە جايلاشقان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىدا تەزىيە بىلدۈردى.

جېلىن ئۆلكىسى لىنجياڭ شەھىرىدىكى «دۆلەت قۇرۇش» باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى «لىنجياڭنى تۆت قېتىم قوغداش» ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىدا گۈل تەقدىم قىلدى.

گۇيجۇ ئۆلكىسى دەنجەي ناھىيەلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، دەنجەي ناھىيەسىدىكى ئۈلگىلىك بالىلار باغچىسىنىڭ بالىلىرى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆزلىرى ياسىغان گۈللەرنى ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ قەبرىسىگە قويدى.

گۇاڭشى ئۆلكىسى لۇڭشېڭ مىللەتلەر ئاپتونوم ناھىيەسى ماتى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى تور ئارقىلىق ئىنقىلابىي قەھرىمانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

ئوقۇغۇچىلار 4-ئاينىڭ 4-كۈنى گۇاڭشى لۇڭشېڭ مىللەتلەر ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قەھرىمانلار قەبرىستانلىقىدا ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

كىشىلەر 4-ئاينىڭ 4-كۈنى نەنجىڭ «يۈخۇاتەي» قەھرىمانلار خاتىرە ئابىدىسى ئالدىدا ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. چوكانتال بايرىمىدا،  مەملىكەتتىكى ھەر جايلار تۈرلۈك شەكىللەردە قەبرە سۈپۈرۈش شۇنداقلا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، تارىخنى ئەسلەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/04/06/035154954.shtml

ئالدىنقى مەزمۇن: مەملىكەت بويىچە تۆمۈريوللاردا 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى يول ‏يۈرۈش خەرىتىسى يولغا قويۇلىدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: ۋارىسلىق قىلىش ــــ ئەڭ ياخشى ياد ئېتىش

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号