ss ss ss ss

ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلى خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيە بىلەن ئاساسەن ماس قەدەمدە
2018-03-10 14:03:37   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرى مياۋ شۈ 3-ئاينىڭ 5-كۈنى «خەلق» سارىيىدىكى «مىنىستىرلار كارىدورى» دا مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئاپتوموبىلى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيە بىلەن ئاساسەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدى، ئۇدا ئۈچ يىللىق سېتىش مىقدارى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئومۇملاشتۇرۇش ئومۇمىي مىقدارى 1 مىليون 800 مىڭدىن ئاشتى.

مياۋ شۈ مۇنداق دېدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تېخنىكا سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلىدى. 2017-يىلى ھەرىكەتچان باتارېيەنىڭ يەككە ئىقتىدار زىچلىقى 2012-يىلىغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسى بىلەن خەلقئارا ئىلغار سەۋىيە ماس قەدەمدە ماڭدى. بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەردە كۆلەملەشكەن توك قاچىلاش مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلىندى.

ھازىر ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرىدا يادرولۇق تېخنىكىنى ئىگىلەش قابىلىيىتى يەنىلا يېتەرلىك بولماسلىق، ئىشلىتىش ھالقىسىدىكى ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى يېتەرلىك بولماسلىق، يەرلىك قوغداش يەنىلا مەۋجۇت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بار. كېيىنكى قەدەمدە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ لايىھەلەپ، سىياسەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ ھەل قىلىدۇ.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/03/06/035116650.shtml

ئالدىنقى مەزمۇن: جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى چەكسىز سودا پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى
كېيىنكى مەزمۇن: يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى: خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا ئۈچ جەھەتتىن ياخشى تۇتۇش كېرەك

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号