ss ss ss ss

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى
2017-03-14 22:32:42   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى

ئىدىيە، ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىمىز

ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا قاتناشتى، چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن قاتارلىقلار سۆز قىلدى

ياۋ تۇڭ


شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇرۇشلۇق جايىدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس ئۆگەندى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا قاتناشتى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور ئىلھام. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا، بارلىق ۋەكىللەر غايەت زور خۇشاللىق ۋە چەكسىز ھاياجانغا چۆمگەن بولۇپ، ناھايىتى روھلۇق كۆرۈنەتتى. شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن قاتارلىقلار ئوي-پىكرى، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتى، ھېسسىياتى ۋە سۆزنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى دەسلەپكى پىلانى توغرىسىدا توختالدى.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايغا كېلىپ، ۋەكىللەرنى يوقلاپ، قاراپ چىقىشقا قاتنىشىپ، كۆپچىلىك بىلەن دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى كېڭەشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە بولغان ياخشى تىلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، بۇ بىزنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، روھىمىزنى ھەسسىلەپ ئۇرغۇتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يۇقىرى قاتلامدىن ئېيتىلغان، مەزمۇنى مول ھەم چوڭقۇر ۋە سەمىمىي بولۇپ، مۇھىم سۆزدە ھەم شىنجاڭ خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، ھەم شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ئېنىق تەلەپ قويۇلغان، مۇھىم يوليورۇق بېرىلگەن، بۇ مۇھىم سۆز پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە تەرەققىياتى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىلمىي كۆرسەتكۈچ ۋە تۈپ مىزان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، مېھىر-شەپقىتى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم نەزەرىيەۋى قاراش، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە ۋە مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، سۆزنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، قەلبىمىز، كاللىمىزدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق-ئىناق، گۈللەنگەن-باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنى خاتىرجەم قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي بىلىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. بىردەكلىكنى قەتئىي ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىزنى، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيە، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. شىنجاڭ بىلەن پايتەخت بېيجىڭنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ بىرلىشىشىنى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىنىڭ باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ باغلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئەستايىدىل ئۆگىنىش كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، كادىرلار، ئامما كەڭ دائىرىلىك ئۆگىنىپ، مەخسۇس تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، ئۆگىنىش ۋاسىتىسىنى ياخشى تاللاش، ئەسلىي پېتى، تەكرار، ئۇزاققىچە ئۆگىنىش كېرەك؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆگىنىش بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەڭ تەشۋىق قىلىش كېرەك، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاراتقۇلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس ئىستون، مەخسۇس تېما تەسىس قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ خەۋەر قىلىشى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ زور ئەھمىيىتى، روھىي ماھىيىتى، ئىلمىي مەزمۇنىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشى، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىدىغان، تەشۋىق قىلىدىغان، ئىزچىللاشتۇرىدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشى كېرەك؛ قابىل كۈچلەرنى تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەستايىدىل تەشۋىق قىلىش، شەرھلەش، يېشىپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، شىمالىغا تولۇق يەتكۈزۈش كېرەك؛ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى جانلىق، كۆپ خىل، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاممىغا كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، ھەممە ئائىلە بىلىش، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە، قىرغىزچە، شىبەچە قاتارلىق كۆپ خىل يېزىققا تەرجىمە قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بېسىپ تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، ئۆگىنىش بىلەن تەپەككۇر قىلىش، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىش، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىدىيەگە سىڭدۈرۈش، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكەتتە نامايان قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ يېزىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

 نۇر بەكرى، ئەسقەت كەرىمباي، شاۋكەت ئىمىن، سارقىت ئاقان، ليۇ شىنچى، مەمتىمىن ياسىن، دۇڭ شىنگۇاڭ، خۇاڭ رۇڭ، جەرۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-03/11/content_589168.htm?lang=uy



ئالدىنقى مەزمۇن: شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى
كېيىنكى مەزمۇن: ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى پەن–تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号