ss ss ss ss

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئاخبارات جامائەت پىكىرى تىرىكىگە ئىگە قىلايلى
2017-02-23 21:25:11   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئاخبارات جامائەت پىكرى تىرىكىگە ئىگە قىلايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى


2–ئاينىڭ 19–كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقى ھەم مۇھىم سۆز قىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلار ۋە ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمەتچىلىرى بىر يىلدىن بۇيان ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، توغرا جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىققا ئىلھام بېرىش، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، تەپەككۇر، ھارارەت ۋە سۈپەتكە ئىگە ئەسەرلەر ئارقىلىق پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىپ، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىنكاس قىلىپ، دەۋر تەرەققىياتىنى نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرلەشتەك ئاكتىپ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى كۆپ قېتىم مۇھاكىمە قىلىپ، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى. پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ بەش ‹‹مۇناسىۋەتلىك›› (پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بايراق ۋە يولغا، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈشكە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقىغا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك) بىلەن پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى شەرھلەپ، ‹‹بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇش، توغرا كەيپىيات بىلەن تەربىيەلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، خاتا قاراشنى تۈگىتىپ، ھەق–ناھەقنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرۇپ، دۇنياۋى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش››تىن ئىبارەت ئالتە جۈملىلىك تەلەپ ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى يۈكسەك خۇلاسىلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىلمىي كۆرسەتكۈچ ۋە تۈپ قىبلىنەما بىلەن تەمىنلەپ، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە زور مەدەت، تۈرتكە بولدى ۋە كۈچلۈك ھەرىكەت يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.

توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ يادروسى. ئاپتونوم رايونىمىز ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، پارتىيە 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6–ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، شۇنداقلا ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى قاتارلىق تۈرلۈك مۇھىم تېمىلارنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئاخبارات تاراتقۇلىرىنى تەشكىللەپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق، ئۇزاق مەزگىللىك، يۇقىرى زىچلىقتىكى، تولۇق كۆرۈنۈشلۈك تەشۋىقات ۋە خەۋەر قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ساداسىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا ۋاقتىدا يەتكۈزدى. ئەمەلىيەت يۆنىلىش ئېنىق بولغاندىلا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولىدىغانلىقى، يېتەكچىلىكنى تەكىتلىگەندىلا ئاكتىپ كۈچ بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. تارقىتىش يولى ۋە تارقىتىش ۋاسىتىسى كۈندىن – كۈنگە كۆپ مەنبەلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەدبىرلىرى ۋە ساداسىنى توغرا تارقاتساقلا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر چۈشىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۇيۇشتۇرالايمىز.

ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىشتا، پارتىيەۋىلىك بىلەن خەلقچىللىقنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى يۇقىرىدا مەركىزىي كومىتېت بىلەن، تۆۋەندە ئاساسىي قاتلام بىلەن تۇتىشىدۇ، ئۇنى ھەم ‹‹ئېگىز، چوڭ، يۇقىرى›› ئۇقۇمى بىلەن شەرھلەش، ھەم جانلىق بايان قىلىش كېرەك. ئەمدىلا ئاياغلاشقان چاغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن ئاخبارات خىزمەتچىسى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، يۈكسەك جەڭگىۋارلىق روھى بىلەن چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىلىرىغا، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، تېلېكامېرانى ئاممىغا توغرىلاپ، قەلىمىنى ئاددىي شەخسلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلىدى... 1–سەپتىن كەلگەن جانلىق خەۋەرلەر كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، ئومۇميۈزلۈك ئالقىشقا ئېرىشتى. قەلەم، تېلېكامېرا، مىكروفوننى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا قارىتىش، خىزمەتلەرنىڭ ئالدىنقى سېپىگە توغرىلاش ئاخبارات خىزمىتىدىكى نورمال ھالەت بولۇپ قالدى. مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا مەركەزنى توغرا ئىگىلەپ، ‹‹ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاش››نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىدە نەزەر دائىرىسى، زېھنىي كۈچى، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئادا قىلىشتا يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنى خاتىرجەم قىلغىلى ۋە رازى قىلغىلى بولىدۇ.

ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى باشتىن–ئاخىر ساقلاش، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئىناۋىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارقىتىش شەكلىنى بېيىتىپ، تارقىتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېڭى تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش ئەۋزەللىكىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ساداسىنى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ، شىنجاڭ ئوبرازىنى تىكلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاراتقۇلار ھەر خىل كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش، پەرقلەندۈرۈپ تارقىتىش ۋەزىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق شەكلى كۆپ خىل، يۇغۇرما تەرەققىي قىلغان زامانىۋى تارقىتىش سىستېمىسىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يېڭىلىق يارىتىش كۈچى تارقىتىش كۈچىنى بەلگىلەيدۇ، يېڭىلىق يارىتىشقا نورمال ھالەت سۈپىتىدە قاراپ يېڭىلىقلارنى ئۈزلۈكسىز قازغاندىلا، ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ھازىرقى ئىككى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىشى، بولۇپمۇ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى كەلگۈسىدە داۋاملىق ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۈزلۈكسىز ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئاخبارات جامائەت پىكرى تىرىكىگە ئىگە قىلىپ، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي–باياشات ۋە مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشقۇسى! 


مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-02/20/content_585125.htm?lang=uy



ئالدىنقى مەزمۇن: يېڭى ۋەزىيەتتىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتايلى
كېيىنكى مەزمۇن: دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号