ss ss ss ss

چىرىكلىككە قاتتىق قارشى تۇرۇپ، پارتىيە، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەيلى
2015-08-15 13:09:08   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

خەلق گېزىتىنىڭ 31-ئىيۇلدىكى سانىدا، «چىرىكلىككە قاتتىق قارشى تۇرۇپ، پارتىيە ۋە ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەيلى» دېگەن تېمىدىكى ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: مەركەز گو بوشيوڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىش، ئۇنىڭ ئېغىر پارا ئېلىشقا چېتىشلىق جىنايەت مەسىلىسى ھەم يىپ ئۇچىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھوقۇق بەرگەن ھەربىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى. بۇ قارار يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي جازالاشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بەردى. شۈ سەيخۇدىن كېيىن، 1-ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا گو بوشيوڭنى بىر تەرەپ قىلىشنى جاكارلاش-پارتىيە ئىچىگە چىرىك ئۇنسۇرلارنىڭ يوشۇرۇنۇۋېلىشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدىغانلىقى، ئارمىيە ئىچىگىمۇ چىرىك ئۇنسۇرلارنىڭ يوشۇرۇنۇۋېلىشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى. ھەر قانداق ئادەم پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا، قاتتىق جازالىنىدۇ، ھەرگىز رەھىم قىلىنمايدۇ، يۇمشاق قوللۇق قىلىنمايدۇ، ھېچقانداق كىشىدە تەلىيىنى سىناش روھىي ھالىتى بولماسلىقى، ھېچقانداق كىشى قانۇننىڭ سىرتىدىن ئىلتىپات ئىزدىمەسلىكى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار چوقۇم پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش تەلىپىنى باش بولۇپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پاك، تەلەپچان بولۇشنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىگە باش بولۇپ رىئايە قىلىپ، چىرىكلىككە باش بولۇپ قارشى تۇرۇپ، تۈرلۈك ئېزىقتۇرۇشلارغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

ئەسلى مەنبەسى: http://www.uycnr.com/xwzx/gnxw/201507/t20150731_955314.html


ئالدىنقى مەزمۇن: بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەسلەرنىڭ پاسپورت بېجىرىش ۋاقتى 10 كۈنگە قىسقارتىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: بۇلتۇر ھۆكۈمەت ماشىنىسى سېتىۋېلىش سوممىسى %30 كە يېقىن ئازايدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号