ss ss ss ss

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى گو بوشيۇڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بەردى
2015-08-15 13:09:05   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30 – ئىيۇل تېلېگراممىسى.ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 30 – ئىيۇلدىكى يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ‹‹گو بوشيۇڭنى تەشكىل جەھەتتىن تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات››ى قاراپ چىقىلىپ ۋە ماقۇللىنىپ، گو بوشيۇڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش، ئۇنىڭ ئېغىر پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھوقۇق بەرگەن ھەربىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 2015 – يىلى 9 – ئاپرېل پارتىيە ئىنتىزامى نىزامىغا ئاساسەن، گو بوشيۇڭنى تەشكىل جەھەتتىن تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولۇشىچە، گو بوشيۇڭ خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنسىپىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قولايلىق يارىتىپ، بىۋاسىتە ياكى ئائىلىسىدىكىلەر ئارقىلىق پارا ئالغان، پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش، پارا ئېلىشقا چېتىشلىق جىنايى قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان.

    يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: گو بوشيۇڭنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلىرىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىشى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش قەتئىي سىياسىي ئىرادىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاش كۈچلۈك ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى. پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن ئارمىيە جەزمەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپلىكىنى ئېنىق تونۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھەر قانداق كىشى ھوقۇقى چوڭ – كىچىك، ۋەزىپىسى يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسىلا، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، يۈز – خاتىرە قىلىشقا، يۇمشاق قوللۇق قىلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن – تۈزۈم ۋە ئىنتىزامنىڭ چەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق،چىرىكلەشمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقتەك ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ماركىسىزملىق دۇنيا قاراش، كىشلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، توغرا ھوقۇق قارىشى، مەرتىۋە قارىشى، مەنپەئەت قارىشى تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› تەلىپىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پاك – تەلەپچان بولۇشنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن ئەمەل قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، تۈرلۈك قايمۇقتۇرۇش ۋە سىناقلارغا ئاڭلىق بەرداشلىق بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق ئارمىيەسى باشتىن – ئاخىرى پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان قوشۇن. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلق ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىياتى، مەنپەئەتى، خەلقنىڭ تىنچ – خاتىرجەم تۇرمۇشىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە زور تۆھپە قوشتى. جايلار، تارماقلار ئارمىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىغا ئىلگىرىكىدەكلا غەمخورلۇق قىلىپ ۋە قوللاپ، ئارمىيە – ھۆكۈمەت، ھەربىي – خەلق ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئىدىيەۋى، سىياسىي قۇرۇلۇش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسكەرلەرنى مەشقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، قاتتىق زەربە بېرىش، ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە ئارمىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي جاسارىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، يۈكسەك مۇقىملىق ۋە مەركەزلەشتۈرۈش، بىرلىككە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىشى كېرەك.

    

    يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: گو بوشيۇڭنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلىرىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىشى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش قەتئىي سىياسىي ئىرادىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاش كۈچلۈك ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى. پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن ئارمىيە جەزمەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپلىكىنى ئېنىق تونۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھەر قانداق كىشى ھوقۇقى چوڭ – كىچىك، ۋەزىپىسى يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسىلا، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، يۈز – خاتىرە قىلىشقا، يۇمشاق قوللۇق قىلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن – تۈزۈم ۋە ئىنتىزامنىڭ چەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلەشمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقتەك ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ماركىسىزملىق دۇنيا قاراش، كىشلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، توغرا ھوقۇق قارىشى، مەرتىۋە قارىشى، مەنپەئەت قارىشى تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› تەلىپىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پاك – تەلەپچان بولۇشنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن ئەمەل قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، تۈرلۈك قايمۇقتۇرۇش ۋە سىناقلارغا ئاڭلىق بەرداشلىق بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق ئارمىيەسى باشتىن – ئاخىرى پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان قوشۇن. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلق ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىياتى، مەنپەئەتى، خەلقنىڭ تىنچ – خاتىرجەم تۇرمۇشىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە زور تۆھپە قوشتى. جايلار، تارماقلار ئارمىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىغا ئىلگىرىكىدەكلا غەمخورلۇق قىلىپ ۋە قوللاپ، ئارمىيە – ھۆكۈمەت، ھەربىي – خەلق ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئىدىيەۋى، سىياسىي قۇرۇلۇش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسكەرلەرنى مەشقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، قاتتىق زەربە بېرىش، ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە ئارمىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي جاسارىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، يۈكسەك مۇقىملىق ۋە مەركەزلەشتۈرۈش، بىرلىككە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىشى كېرەك.

ئەسلى مەنبەسى: http://uy.ts.cn/homepage/content/2015-07/31/content_442115.htm

ئالدىنقى مەزمۇن: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق تەبرىك سۆزى قىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: ​39 كادىر كۆز بويامچىلىق بىلەن مەلۇم قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بىر تەرەپ قىلىندى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号