ss ss ss ss

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بەردى
2016-09-22 00:19:22   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

ساھىبخانلىق ئېڭى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، خالىس تۆھپە قوشۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20–سېنتەبىر تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار، يەرلىكنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ،

كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. سۆھبەتنى ماسلاشتۇرۇش كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك، يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەتراپلىق، تەرتىپلىك، بىخەتەرلىك كاپالىتى پۇختا، ئىشەنچلىك، ئاخبارات تەشۋىقاتى جانلىق ۋە تەسىرلىك، ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرى سەرخىل، ئارقا سەپ كاپالىتى تولۇق بولدى. خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا ‹‹شىخۇ كۆلىنىڭ مەنزىرىسى، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، جۇڭگوچە قىياپەت، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكى›› ئىدىيەسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دۇنياغا جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچى نامايان قىلىندى، 20 دۆلەت گۇرۇھى مۇساپىسىدە جۇڭگو ئىزى چوڭقۇر قالدۇرۇلدى. كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىغىن ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تۆھپە قوشقان خادىملارنى تەقدىرلەش كېرەك. دىپلوماتىيە، مالىيە–ئىقتىساد، بىخەتەرلىك كاپالىتى، تەشۋىقات، ئەدەبىيات – سەنئەت، قاتناش، سۈپەت تەكشۈرۈش، سەھىيە، مېتېئورولوگىيە، ئارقا سەپ قاتارلىق تارماقلار خۇلاسىلەش ۋە تەقدىرلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. جېجياڭ ئۆلكىسى ۋە خاڭجۇ شەھىرى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلغانلىقتىن شەھەر ئاھالىسى ئومۇملىقنى كۆزلەپ، ئومۇملىققا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئىختىيارلىقى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى، تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ، تەقدىرلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەپلا قالماي، جەمئىيەتتە كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ساھىبخانلىق ئېڭى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، خالىس تۆھپە قوشۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى 20–سېنتەبىر جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.


مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-09/21/content_550869.htm



ئالدىنقى مەزمۇن: لى كېچياڭ ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسى ۋە تاراتقۇ ئەربابلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
كېيىنكى مەزمۇن: شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号