ss ss ss ss

جۇڭگو ھەج ئۆمىكى مەسئۇللىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولدى
2016-08-16 12:09:12   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەسئۇللىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولدى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى خەۋىرى:

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككەدىن بەرگەن خەۋىرى: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق باش كونسولخانىسىنىڭ مۇۋەققەت ۋەكىلى چېن يۆ، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، لى گې، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن، چېن يۈلوڭ قاتارلىقلار سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولۇپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئەندەرقىرى، مۇئاۋىن رەئىسى سەئۇد دەمەنھۇرى ۋە ئۈچ دۆلەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مەھمۇد دەمەنھۇرى قاتارلىقلار بىلەن بۇ يىلقى ھەج خىزمىتىگە دائىر ئىشلار ئۈستىدە كېڭەشتى.

ئادىل ھاجى كېرىم بۇ يىلقى جۇڭگو ھاجىلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەج تاۋاپ كۈنلىرىدە مىنا ۋە ئەرەپاتتا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش، چېدىر ۋە ھاجەتخانىلارنى كۆپەيتىپ بېرىش، ھەج پائالىيەتلىرىدىن كېيىن مەككەگە قايتىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ھاجىلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرى يېزىلغان بىلەك بېغىنى ياساپ بېرىش قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر بەردى.

مۇھەممەد ئەندەرقىرى جۇڭگولۇق ھاجىلارنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنى ئىشخانىسىنىڭ بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىنى، ھاجىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى خادىملىرىنى تاللاپ ئىشلەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

(ئابابەكرى ما ۋېيۋېي خەۋىرى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ) 




ئالدىنقى مەزمۇن: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى
كېيىنكى مەزمۇن: مەدىنە باسقۇچىدىكى ھەج خىزمىتى رەسمىي، ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号