ss ss ss ss

لى كېچياڭ قىرغىزىستان زۇڭلىسى جانبېكوف بىلەن كۆرۈشتى
2016-06-30 20:22:09   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

شىنخۇا تورى، تيەنجىن، 27-ئىيۇن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 27-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن تيەنجىندە 2016-يىللىق يازلىق دائۇس مۇنبىرىگە قاتناشقىلى جۇڭگوغا كەلگەن قىرغىزىستان زۇڭلىسى جانبېكوف بىلەن سۆھبەتلەشتى.

لى كېچياڭ ئالدى بىلەن يېقىندا قىرغىزىستاندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى توغرىلىق ھال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-قىرغىزىستان دوست-قوشنىلار ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەردىن بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى. تېخى يېقىندىلا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تاشكەنتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇچراشتى. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپنىڭ ئۆزلىرى مۇستەقىل تاللىغان تەرەققىيات يولىنى قەتئىي قوللايدۇ، قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-قىرغىزىستاننىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەزكۇر رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئۆزئارا بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىققا ئىگە بولۇپ، تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچى زور، ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىقلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-قىرغىزىستاننىڭ تۆمۈريول تۈرىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، بىشكەك شەھەر مەمۇرىيىتى يول تورىنى رېمونتلاش، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى D لىنىيەسى قاتارلىق چوڭ تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ. يۇقىرى تېخنىكىلىق يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقى ۋە خادىم ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىدۇ. قانۇن ئىجرا قىلىش، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىك، مائارىپ، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى، بىرلەشمە ئارخېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش، ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئالاقىسى قاتارلىق ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بۇ يىل قىرغىزىستان تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى زۇڭلىلار كېڭىشىنى ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

جانبېكوف جۇڭگو تەرەپنىڭ قىزغىزىستاندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش توغرىسىدا ھال سورىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە تېىى يېقىندا جۇڭگونىڭ جياڭسۇدا يۈز بەرگەن قارا قۇيۇن ئاپىتى توغرىسىدا ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك يازلىق دائۇس مۇنبىرى ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى باشلامچىلىق رولىنى نامايان قىلىپ بەردى. جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى، شۇنداقلا قىرغىزىستاننىڭ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىشى. قىرغىزىستان-جۇڭگو سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىنى قوللاپ كەلدى، ئەمەلىي ھەمكارلىقىمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، چوڭ تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. مەن زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇشۇ يىل ئىچىدە قىرغىزىستاندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى زۇڭلىلار يىغىنىغا قاتنىشىشىنى ھەمدە قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، قىرغىزىستان-جۇڭگو، ئوتتۇرا ئاسىيا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورتاق كېڭىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. 

گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 27-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن تيەنجىندە 2016-يىللىق يازلىق دائۇس مۇنبىرىگە قاتناشقىلى جۇڭگوغا كەلگەن قىرغىزىستان زۇڭلىسى جانبېكوف بىلەن سۆھبەتلەشتى.

گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 27-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن تيەنجىندە 2016-يىللىق يازلىق دائۇس مۇنبىرىگە قاتناشقىلى جۇڭگوغا كەلگەن قىرغىزىستان زۇڭلىسى جانبېكوف بىلەن سۆھبەتلەشتى.



ئالدىنقى مەزمۇن: 4-نۆۋەتلىك نوبېل مۇكاپاتى ئىقتىسادشۇناسلار جۇڭگو باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئاز سانلىق مىللەت كىشى ئىسمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «چېكىت» ئۈچۈن مەركەز ۋە شىنجاڭ شۇنچىۋالا جىق ئىشلارنى قىلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号