ss ss ss ss

«ئاتلان» مائارىپى يىراق كەنتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى
2016-01-18 15:38:32   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

شىنجاڭ «ئاتلان» مائارىپىنىڭ تەكلىماكان باغرىدىكى ئۆسمۈرلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى خوتەن شەھىرىدىن 70 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۈل يېزا قارادۆڭ كەنتىدىكى جۈنباڭ ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى.

شىنجاڭ «ئاتلان» مائارىپ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى قاسىمجان ئابدۇرېھىم ئۆزى ئېلىپ كەلگەن 3000 يۈەن قىممىتىدىكى دەپتەر، قەلەم، قەلەم قۇتىسى، ئۇچلىغۇچ قاتارلىق ئوقۇش بۇيۇملىرىنى بۇ مەكتەپتە تەربىيەلىنىۋاتقان 120 نەپەر ئوقۇغۇچىغا ئۆز قولى بىلەن تارقىتىپ ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى ھەمدە «بىلىم-تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن بىلىمنىڭ ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان قۇدرەتلىك قورال ئىكەنلىكىنى شەرھىلىدى ھەمدە قۇملۇق باغرىدىكى بۇ سەبىيلەردىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ خوتەن، ئۈرۈمچى، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ۋەتەن، خەلققە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ يۇرتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئىللىقلىق ھەم ناۋاتتىن تاتلىق لېكسىيەدىن ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار ھەم ئاتا-ئانىلار چوڭقۇر تەسىرلەندى. قاسىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ ئالاھىتەن بۇ يىراق جايغا كېلىپ يەتكۈزگەن ماددىي، مەنىۋىي جەھەتتىكى ياردىمىگە ئالقىش ياڭراتتى.

خوتەن ناھىيە تەۋەككۈل يېزا قارادۆڭ كەنتىدىكى جۈنباڭ ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى مەتتۇرسۇن ئەخمەت مۇنداق دېدى: «ئاتلان مائارىپ مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى قاسىمجان ئابدۇرېھىم مەكتىپىمىزگە كۆپ ياردەم قىلدى، بۇلتۇر 12-ئايدا 11 مىڭ 600 يۈەن قىممىتىدىكى 120 جۈپ قىشلىق ئاياغ ئەۋەتكەنىدى، بۇنى ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى بىر چوڭ غەمدىن خالاس قىلغانىدۇق. بۈگۈن يەنە نۇرغۇنلىغان ئوقۇش قوراللىرىنى تەقدىم قىلدى ھەم قىممەتلىك لېكسىيە سۆزلەپ بەردى. مەن قاسىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ تولىمۇ يىراققا جايلاشقان مەكتىپىمىزگە كېلىپ بىزنى قوللىغانلىقىغا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن».


غوجىئابدۇللا مەمىتىمىن (18309036625)

(قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن)

پوچتا نومۇرى: 848100

霍加阿卜杜拉•麦麦提敏(18309036625)

QQ :2250111670

邮政号码:848100

墨玉县古则路 五 号(墨玉县广播电视台)

ئالدىنقى مەزمۇن: ئاتلان مائارىپى 2016-يىللىق ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئەرلەر ۋە ئاياللار مۇز چەينەك مۇسابىقىسدە ئۈرۈمچى كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号