ss ss ss ss

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئاپتوموبىللىرى ئاتۇشتا بازارغا سېلىندى
2016-01-16 01:20:20   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


  ئىشچىلار زاۋۇتتىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرمەكتە

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت خەۋىرى، فوتوسى: جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ قىزىلسۇغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى جەلپ قىلغان شاڭخەي «مېييى» ئېلېكتىر ئاپتوموبىل ياسمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 3 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان، ئۈچ قارار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بۇلتۇر ئىيۇندا ئاتۇشتا ئىش باشلىغان بولۇپ، بۇ زاۋۇتتا ئىشلەنگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتوموبىللار بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئاتۇش شەھىرىدە بازارغا سېلىندى.

    بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئاپتوموبىلى ياسمىچىلىق كەسپىي يوق بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ زاۋۇت بۇ يىل 1-قارارلىق يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 20 مىڭغا، سېتىلىش كىرىمىنى بىر مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان. ئۈچ قارارلىق قۇرۇلۇش تولۇق تاماملانغاندىن كېيىن، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 200 مىڭغا، سېتىلىش كىرىمى 10 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، يەرلىكتىكى 1500 گە يېقىن ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-01/15/content_488043.htm 

ئالدىنقى مەزمۇن: باي ناھىيەسىدە ياۋايى ھايۋان ۋە قۇشلار كۆپەيدى
كېيىنكى مەزمۇن: خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش جەمئىيىتى كورلا شەھىرىدە تۈر مەبلىغىنى تەكشۈرۈشتە

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号