ss ss ss ss

جاڭ چۈنشيەن: ئىككى يىغىننى، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى، شىنجاڭنى ياخشى تەشۋىق قىلىڭلار
2016-01-16 01:18:57   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن تەڭرىتاغ تورىنىڭ «ئىككى يىغىن» يېڭى تاراتقۇ مۇلازىمەت مەركىزىنى كۆرمەكتە

   تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 11-يانۋار چۈشتىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن تەڭرىتاغ تورىنىڭ «ئىككى يىغىن» يېڭى تاراتقۇ مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، تورىمىز تەھرىرلىرىنى يوقلىدى، شۇنداقلا ئۇلارنى «ئىككى يىغىن»نى، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى، شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن تەڭرىتاغ تورىنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› يېڭى تاراتقۇ مۇلازىمەت مەركىزىدە مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاتكېرتكىسىنى كۆرمەكتە

   11-يانۋار چۈشتىن كېيىن، شۇجى جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سانجى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ بولۇپ، تەڭرىتاغ تورى يېڭى تاراتقۇ مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، تەھرىرلىرىمىز بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە يۇمۇرىستىك قىلىپ: «ھەممىڭلار ياش ئىكەنسىلەرغۇ» دېدى.

   شۇجى جاڭ چۈنشيەن كۆرگەزمە سۇپىسى ئالدىدا تورىمىزنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› مەخسۇس سەھىپىسىنى كۆردى، ئۇ مەخسۇس سەھىپە بېتىنىڭ كۆركەم، سەھىپىلىرىنىڭ يېڭى، مەزمۇنلىرىنىڭ مول ھەم يېڭىلىنىشىنىڭ تېزلىقىنى كۆرۈپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە بېشىنى لىڭشىتىپ، قايىللىقىنى بىلدۈردى.

   تورىمىز خىزمەتچىسى شۇجىغا تورىمىز لايىھەلەپ ياساپ چىققان مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاتكېرتكىسىنى كۆرسەتتى، شۇجى ئاتكېرتكىدىكى كىچىك قار توپى ئوبرازىنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «بۇ بىر يۈرۈش ئاتكېرتكا ناھايىتى چىرايلىق ھەم ئىجادىي بوپتۇ» دېدى. شۇجى يەنە ‹‹ئىككى يىغىن››نى، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ۋە شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىشنى تەكىتلىدى.

   بۇ كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرمۇ تورىمىزنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› يېڭى تاراتقۇ مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، تورىمىزنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› ۋە مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشۋىقات ئەھۋالىنى ئىگىلەپ مۇئەييەنلەشتۈردى. شۆھرەت زاكىر  مۇنداق دېدى: پات ئارىدا باشلىنىدىغان مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، بۇنىڭغا پۈتۈن شىنجاڭ خەلقى كۆڭۈل بۆلىدۇ، يەنە كېلىپ، بۇ بېيجىڭ 2022-يىلى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىپ ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىنكى مەملىكىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ، ببېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن كەيپىيات يارىتىش، ياردەمچى بولۇش ۋە رەڭ قوشۇشتەك ئالاھىدە رولغا ئىگە بولغاچقا، ئەھمىيىتى ئۆزگىچە. كۆپچىلىك مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئىشەنچ، ئىرادە باغلىشى لازىم.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تەڭرىتاغ تورى ‹‹ئىككى يىغىن ››يېڭى تاراتقۇ مۇلازىمەت مەركىزىگە كەلدى

   «مەن تەڭرىتاغ تورىدا ئىشلەۋاتقىلى ئۈچ يىل بولدى، ھەر يىلى جاڭ چۈنشيەن شۇجى ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى تورىمىزنىڭ ‹ئىككى يىغىن› كۆرگەزمە سۇپىمىزغا كېلىپ، بىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە دەۋەت قىلىدۇ، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىلھاملىنىمىز ۋە پەخىرلىنىمىز»،-دېدى تورىمىز تەھرىرى چېن جياجيا.

   2016-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئىكى يىغىن›› مەزگىلىدە، تەڭرىتاغ تورى نۇرباغدىكى «يېڭى دەۋر» مېھمانسارىيى ۋە كوئېنلۇن مېھمانسارىيىدىن ئىبارەت ئىككى جايدا يېڭى تاراتقۇ مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلىپ،  ‹‹ئىككى يىغىن››غا ئائىت ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ‹‹ئىككى يىغىن›› ئېچىلىۋاتقان جايلاردىكى ھەر قايسى كۆچمە تېرمىناللاردا ماس قەدەمدە قويۇپ، ۋەكىل، ئەزالارنىڭ كۆرۈپ پايدىلىنىشىغا قولايلىق ياراتتى.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ‹‹ئىككى يىغىن›› تەشۋىقاتىدا، تەڭرىتاغ تورى PC تېرمىنالى ۋە كۆچمە تېرمىنالدا سەككىز چوڭ مەخسۇس سەھىپە ئاچقان بولۇپ، بارلىق مەخسۇس سەھىپىلەر خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، ئىنگىلىزچە، رۇسچە ۋە تۈركچىگە ماس قەدەمدە يېڭىلىنىدىكەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› خەۋەرلىرى «تور تاراتقۇلىرى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى بولۇش، تور تەشۋىقاتى ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىشنى ئاساسىي تەلەپ قىلىش»قا ئەمەل قىلغان، ئېنىق ئۆلچەمدىكى ئوقۇشچانلىققا ۋە نوپۇزلۇق تەھلىللەرگە باي بولۇپ، دوستلار چەمبىرىكىدىمۇ نادىر، قىزىق تېمىغا ئايلانغان.    

مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-01/13/content_487321.htm

ئالدىنقى مەزمۇن: «ئۈچ ئەل» خىزمىتى كادىرلارنى تاۋلايدىغان «ئوچاق»
كېيىنكى مەزمۇن: كەلگۈسدىكى بەش يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن 11 پۇقرالار ئايرودروم كۆپىيىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号