ss ss ss ss

مەدەنىيەتلىك ياكى ئەمەسلىكىڭىزگە باھا بېرىپ بېقىڭ
2015-12-08 19:12:21   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى ئەھدىنامىسى


ۋەتەننى-شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش.

ئەلا مۇلازىمەت قىلىش، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسپىنى قەدىرلەش، سەمىمىي بولۇپ ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، خەلققە قولايلىق ۋە پايدا يارىتىش.

مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، شەھەر قىياپىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش، مۇھىتنى ئاسراش.

قاتناشتا مەدەنىيەتلىك بولۇش، پىيادىلەر بىلەن ئاپتوموبىللار ئۆز يولىدامېڭىش، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتمەسلىك، رىشاتكىدىن ئاتلىماسلىق.

سىرتقا چىققاندا مەدەنىيەتلىك بولۇش، يۈرۈش–تۈرۈشتە سالاپەتلىك بولۇش، ئۆرۈپ - ئادەتكە ھۆرمەت قىلىش، باشقىلارغا دوستانە بولۇش.

غىزالانغاندا مەدەنىيەتلىك بولۇش، ناچار ئادەتلەرنى تاشلاش، ئىقتىسادچىل-تىجەشلىك بولۇش، تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىق.

خالىس مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قىزغىن قاتنىشىش، مېيىپلارغا-قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش. باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش.

مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش. ساپانى ئۆستۈرۈش، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، بەدەننى چېنىقتۇرۇپ ساغلام بولۇش.

ئائىلىدە مەدەنىيەتلىك بولۇش، ئائىلە ئىستىلى ۋە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئەخلاق ۋە قائىدە-يوسۇننى كۈچەيتىش، قوشنىلار ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش.

شەھەردە مەدەنىيەتلىك بولۇش، سۆز-ھەرىكەتتە ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش، گۈزەل ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەركىزى شەھەرنى بىرلىكتە قۇرۇش.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى

ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ئالدىنقى مەزمۇن: خانىقاتام يېزىسىدا ئات بەيگىسى ۋە ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئەخلەت گازىدىن ھاسىل قىلىنغان توك ئاھالىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号