ss ss ss ss

چارۋىچىلارنىڭ قىشلاقلارغا كۆچۈش سەپىرى داۋاملاشماقتا
2015-11-27 23:47:04   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

 تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، يايلاق كۆچۈش سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان چارۋىچىلار نەچچە ئون مىڭ تۇياق چارۋىلىرىنىھەيدەپ ئېرتىش دەرياسىنى بويلاپ ئۆلكە يولى 319-لىنيەسىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۆلىكىدىن ئۆتتى. چارۋىلار قارلىق دالىدا سەپ تارتىپ قامچىلىرىنى پۇلاڭشىتقان چارۋىچلارغا ئەگىشىپ ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلدى. 

     چارۋىچىلار ھەر يىلى نويابىر ئايلىرىدا قار يېغىشتىن بۇرۇن چارۋىلىرىنى بىخەتەر قىشلاققا كۆچۈرىدۇ. قىشلاق ئادەتتە شامالدىن دالدا، ئىللىقراق،  يەم-خەشەك مول بولغان ئورۇنلاردا بولىدۇ. ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى قىشلاق كۆلىمى بىر قەدەر كىچىك بولۇپ، چارۋىچىلار يازادا تەييارلىۋالغان يەم-خەشەكنى قوشۇمچە قىلىپ، يېقىن ئەتراپلارغا ئاپىرىپ چارۋىلىرىنى ئوتلىتىدۇ. چارۋىلار نويابىر ئېيىدىن ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قىشلاقتا قىشلايدىغان بولغاچقا قازاق چارۋىچىلار بۇ مەزگىلنى «قىشلىق ئۈچەك»كە كىرىش دەپ ئاتايدۇ. 

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يايلاق كۆچۈش بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، چارۋىچىلار نەچچە ئون مىڭ تۇياق چارۋىنى ھەيدەپ ھەر كۈنى 30 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى باسىدىكەن.  

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2015-11/27/content_475411.htm 

ئالدىنقى مەزمۇن: ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا تۇمانلىق كۈنلەردىمۇ ئۇچۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى
كېيىنكى مەزمۇن: يەكەن ناھىيەسى شەرق قىزىل سۇ ئامبىرىدىكى ئاق ساقىيقۇش ۋە قارنا

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号