ss ss ss ss

ئادەتتىن تاشقىرى مەيدان توسالغۇ مۇسابىقىسىدىكى ئېسىل كۆرۈنۈشلەر
2015-10-20 23:55:07   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

مۇسابىقە مەيدانىدىكى باتۇر ئەزىمەتلەر

    ئۆز مۇخبىرىمىزقۇربانجان يۇنۇس، جۇ جې خەۋىرى، فوتوسى: 2015- يىللىق جۇڭگو . تۇرپان 10-نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسىنىڭ موتوسىكلىت ئادەتتىن تاشقىرى مەيدان توسالغۇ مۇسابىقىسى18-ئۆكتەبىر ئايدىڭكۆل مەنزىرە رايونى ئۇيغۇر قەدىمىي كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. 10-نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىلىي مۇسابىقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن موتوسىكلىت ئادەتتىن تاشقىرى مەيدان توسالغۇ مۇسابىقىسى  راللى مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئاۋۋال ماھىرلارغا بىر قېتىملىق بەدەن قىزىتىش سورۇنى ھازىرلاپ بەردى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەر قايسى يول ماھىرلىرىنى كەسكىن ئېلىشىشقا جەلپ قىلدى. 

    مۇسابىقە جەريانىدا ماھىرلار ئۆزلىرىنىڭ چەبدەس ماھارەتلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە ماھارەتلىرىنى نامايەن قىلدى. خەتەرلىك ئەگمە يول ۋە ئېگىز-پەس دۆڭ يولدىن ئىبارەت مۇسابىقە يوللىرىدا موتوسىكلىتلار كۆككە ئۆرلەپ 2~3 مېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلۈپ ئون نەچچە مېتىر ئۇزۇنلىقتىكى يول بۆلىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، نەق مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەرنى تاڭ قالدۇردى. 

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2015-10/19/content_461138.htm 

ئالدىنقى مەزمۇن: 2015-يىللىق شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مېۋە-چېۋىلىرى (ئاقسۇ) يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى
كېيىنكى مەزمۇن: تەبەسسۇمگە تولغان چىرايلار

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号