ss ss ss ss

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك
2018-05-05 19:34:15   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

 قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى دىلشات قىدىرقان


    ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھەرخىل ئۇسۇل ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى بىر مىنۇتمۇ توختاتقىنى يوق. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كاللىمىزنى ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرىكەتلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە جەڭ ئېلان قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
    بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۆنىلىشنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىيدا سەگەك ئادەم بولۇشىمىز كېرەك. باشتىن – ئاخىر دۆلەتكە بارلىقىنى بېغىشلاش، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ھېسسىياتىدا بولۇپ، باشتىن – ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىسى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىسى بولۇپ، باشتىن – ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز، يادرونى قەتئىي قوغداپ، يادرونى قەدىرلەپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، شىنجاڭ گەرچە پايتەخت بېيجىڭغا يىراق بولسىمۇ، قەلبىمىزنى باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي چەمبەرچاس زىچ باغلىشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى قەتئىي، كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق خىزمەتلەردە دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشانغا بويسۇنۇش، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى قەلبىمىزگە پۈكۈشىمىز، زىممىمىزگە ئېلىشىمىز، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقلاردىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، خەۋپ ۋە كىرىزىس ئالدىدا باشلامچىلىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، سىياسىيدا قەتئىي سەگەك، ئېتىقادتا قەتئىي سادىق، ھەرىكەتتە قەتئىي سەمىمىي، خىزمەتتە قەتئىي مەسئۇلىيەتچان بولۇشىمىز كېرەك.
    ئىرادىنى ساقلاپ، ئۇزاققىچە تىرىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىر قاتار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى تۈزدى ۋە يولغا قويدى، بىز بۇنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز ھەم ئۇنىڭدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مۇقىملىقنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىنى تولۇق تونۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ بىر مەيدان ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش، شۇنداقلا بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە ‹‹مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز كىشى يوق››، دېگەن ئىدىيەنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، ئۇزاق مۇددەت جەڭ قىلىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇزاققىچە تىرىشىش، ئۇزاققىچە كۈرەش قىلىش ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، قەتئىي پوزىتسىيە، كۈچلۈك ۋاسىتە، قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قاتتىق قول بولۇپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇلارنى قەتئىي يوقىتىشىمىز كېرەك. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق قەتئىي قانات يايدۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەپ، زەھىرىنى تازىلاپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇشقا يېتەكلەپ، كۈچلۈك ھەققانىيەت ساداسى ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ سىياسىي سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
    ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ئىتتىپاقلىقنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى، ھەر مىللەت خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرى، دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاكا – ئىنى، ئاچا – سىڭىللار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى تونۇش›› تۇيغۇسىنى ھەقىقي كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك.  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى باشلامچىلىق بىلەن قىلىپ، تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئىنچىكە ھالقا، ھەر بىر كىچىك ئىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاز – ئازدىن ئىشەنچ، چۈشىنىش، ئىتتىپاقلىق ھاسىل قىلىپ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، كۈچىمىز ۋە مېھىر – مۇھەببىتىمىز بىلەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆزئارا يار – يۆلەك بولۇش، ئىناق ئۆتۈشكە يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ھەممە ئادەم قاتنىشىدىغان، ھەممە ئادەم مەسئۇل بولىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەممە ئادەم ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ھەممە ئادەم قەدىرلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى سۇيىقەستىنى تەلتۆكۈس بىتچىت قىلىشىمىز كېرەك.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/05/05/035197686.shtml

ئالدىنقى مەزمۇن: ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مائارىپ سېپىدىكى ئاساسىي بازىنى ياخشى ساقلايمەن
كېيىنكى مەزمۇن: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمەن

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号