ss ss ss ss

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن
2018-05-05 19:33:37   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى توختى ئەخمەت

ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلق ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈپ، بىر- بىرىگە ھەمدەم بولۇپ، تومۇرداشلىق، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان قېرىنداشلىق مېھرىنى ئورنىتىپ، ئۆزئارا زىچ باغلانغان، ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىنى شەكىللەندۈردى. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بەزىدە ئوچۇق- ئاشكارا، بەزىدە ئاستىرتىن ھىيلە ئىشلىتىپ، «مىللەت» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى ئارقىلىق جەمئىيەتتە مالىمانچىلىق پەيدا قىلىپ، بىزنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمىز.
نۆۋەتتىكى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتىدە، بىز چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى ھەر ۋاقىت ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قەتئىي تەۋرەنمەي دائىملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
بۇرچنى قەلبىمگە پۈكىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيەدە يادرونى تونۇيمەن، سىياسىيدا يادرونى قوغدايمەن، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنىمەن، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىمەن. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.
مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالىمەن. پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باش نىشانغا يېتىشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىرغا خاس رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى، تەشۋىقاتچىسى ۋە يېتەكچىسى بولىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمەن. قەتئىي تەۋرەنمەي ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، تىلىم بىلەن دىلىمنى، قەدىمىمنى بىردەك قىلىپ، ھەرگىز يول قويمايمەن كادىرلار قوشۇنىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ئۈزۈل- كېسىل تەكشۈرۈپ، قەتئىي يۈز- خاتىر قىلمايمەن باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىمەن ناتوغرا ئىستىلغا قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى قاتتىق تۈزەپ، ياخشى ئىستىل، پۇختا خىزمەت بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.
بىز ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى، قىيىنچىلىقلىرىنى بىرمۇبىر ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى ئورتاق مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

http://uyghur.xjdaily.com/47/54955.html

ئالدىنقى مەزمۇن: بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن
كېيىنكى مەزمۇن: پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ مۇقىملىقنى قوغدايمەن

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号