ss ss ss ss

كورلا ئايرودرومىنىڭ ئاۋىياتىسيە لىنىيەسى 24 كە يەتتى
2018-04-16 12:27:07   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرىمىز جىڭ لىجۈن خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 14:50 ئۆتكەندە خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بادى CRJ-900 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىغا قوندى. 75 مىنۇت ئىلگىرى بۇ ئايروپىلان يولۇچىلارنى ئېلىپ كورلا ئايرودۇرۇمىدىن تۇنجى ئۇچۇش سەپىرىنى باشلىغانىدى، بۇنىڭ بىلەن كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ بۇ يىل ئېچىلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 24 كە يېتىپ، قاتناش نۇقتىلىرى 20 گە كۆپەيدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاۋىياتىسيە لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىنىڭ ئىككىسى، تۆتى، ئالتىسى پاڭبادى CRJ-900 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. كونكرېت نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە ئىكەن. يەنى، G54331-نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 13:35 ئۆتكەندە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 14:50 ئۆتكەندە ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن. G54332-نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 21:45 ئۆتكەندە ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22:55 ئۆتكەندە كورلا ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، كورلا ئايرودۇرۇمىدا جەمئىي 24 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغان بولۇپ، قاتناش نۇقتىسى 20گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، شاڭخەي خۇڭچياۋ، گۇاڭجۇ، جىڭجۇ، چىڭدۇ، چۇڭچىڭ، شىئەن، لەنجۇ، خاڭجۇ، تيەنجىن، چىڭداۋدىن ئىبارەت شىنجاڭ سىرتىدىكى قاتناش نۇقتىسى 11 گە يەتكەن. شىنجاڭ ئىچىدىكى قاتناش نۇقتىسى ئۈرۈمچى، قەشقەر، قاراماي، غۇلجا، چەرچەن، چاقىلىق، تۇرپان، بورتالا، ئاقسۇ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

نۆۋەتتە، جەمئىي توققۇز ئاۋىياتسىيە شىركىتى كورلا ئاۋىياتسىيە بازىرىدا تىجارەت باشلىغان بولۇپ، قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كۈندىلىك قاتناش مىقدارى 27 نۆۋەتكە يەتكۈزۈلدى. خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيەلىرىنىڭ شەھەرلەرگە كىرىشى خەلق ئاممىسىنى ئەڭ قولايلىق بولغان ھاۋا قاتناش مۇلازىمىتى تەمىنلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى كۆپ خىل تاللاشقا ئىگە قىلىپلا قالماي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. كورلا ئايرودۇرۇمى بۇرۇنقىدەكلا ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتىنى ئاممىۋى قاتناشلاشتۇرۇش، ئاممىبابلاشتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئويناپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قولاي، تېز، غەم-ئەندىشىسىز سەپەرگە چىقىشىغا شارائىت ھازىرلىدى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/04/13/035166060.shtml

ئالدىنقى مەزمۇن: ئاپتونوم رايونىمىزدا 2018-يىلىنىڭ 1-پەسىلدە 316 مىڭ 700 كىشى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەندى
كېيىنكى مەزمۇن: ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسى توردا تاماق زاكاز قىلىشنى قېلىپلاشتۇرىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号