شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئىلگىرىكى داۋالاش ئۇسۇلىدا ئۆسمىنى ئاساسلىقى ئوپېراتسىيە قىلىش
،
رادىئوتېراپىيە
،
خىمىيەلىك داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق داۋالايدىغان بولۇپ
،
نۆۋەتتە ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرىلەر ئارقىلىق ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ
،
ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتىش ئەمەلگە ئاشقان.ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى غول ھۈجەيرىسىنى كېلىنكىدا قوللىنىش پەن-تېخنىكا يۇرتى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچىگە ماكانلاشتى.ئىگىلىنىشىچە
،
بۇ پەن-تېخنىكا يۇرتىنى شىنجاڭ «يىجياشىڭ» بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 420 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ
،
بۇ قۇرۇلۇش تۈرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان(تۇدۇڭخابا رايونى). بۇ قۇرۇلۇش تۈرى پۈتكەندىن كېيىن
،
بۇ پەن-تېخنىكا يۇرتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنى « ئېھتىياج بويىچە زاكاز قىلىنغان » تەتقىقات دەرىجىلىك ۋە كېلىنكىلىق دەرىجىلىك ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولىدىغان ھۈجەيرە بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن ھەمدە شەھەر ئاھالىلىرىنى « خۇسۇسىي زاكاز قىلىنغان » ھۈجەيرە ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئىگىلىشىچە
،
بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى 60 مو بولۇپ
،
قۇرۇلۇش ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلدىكەن. بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشتا ئاساسلىقى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنى ياساپ تەييارلاش ۋە داۋالاش مەركىزى
،
سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى
،
يۈرۈشلەشكەن بېقىنىش ياتاق بىناسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ چىقىپ
،
2020-يىلىغىچە ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرە بىلەن داۋالاش تېخنىكىسىدا نۆۋەتتە خەلقئارادا ئەڭ ئىلغار بولغان RNK ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرە بىلەن داۋالاش تېخنىكىسىنى قوللىنىش پىلانلانغان. ئىككىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشتا بولسا غول ھۈجەيرىلىرىنى تەييارلاش ۋە ساقلاش ئىسكىلاتى
،
يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن قايتا ئۆستۈرۈش تېببىي ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى ۋە سىناق مەركىزى قاتارلىق ئەسلىھەلەر قۇرۇلىدىكەن.
مەنبە:
http://uy.ts.cn/system/2018/04/13/035165791.shtml