ss ss ss ss

كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يول ياساپ، خەلققە قولايلىق ئېلىپ كەلدى
2018-04-16 12:26:40   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

  ئۆز خەۋىرىمىز: ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دۈرە بازىرى ئۈشكەرىش كەنتىدىكى « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش » بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت « ئىككى كومىتېتى » 4-ئاينىڭ 10-كۈنى بىرلىكتە بوران-چاپقۇنغا قارىماي، يول ياساش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ياللاپ، ئۈشكەرىش كەنتىدىن دۈرە بازىرىغا بارىدىغان يول يۈزىنى رېمونت قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قار-مۇزلارنىڭ ئېرىشى ۋە يامغۇر يېغىشى بىلەن، بۇ يولنىڭ بەزى يول بۆلەكلىرى بۇزۇلۇپ، پاتقاقلىشىپ، يول يۈزى تارلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يول يۈزىنى رېمونت قىلمىغانلىقتىن، يول يۈزى ئوڭغۇل-دوڭغۇل بولۇپ قالغان. ھەر يىلى 3-، 4-ئايلاردا قار-مۇزلار ئېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىغا نۇرغۇنلىغان قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋاللارنى ئىگەللىگەندىن كېيىن، تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ، بىر كۈنلۈك تىرىشىش ئارقىلىق يول يۈزلىرىنى رېمونت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/04/13/035165563.shtml

ئالدىنقى مەزمۇن: 1 –ئايدىن 3-ئايغىچە شىخۇ شەھىرىدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 176 مىليون يۈەنگە يەتتى
كېيىنكى مەزمۇن: شىنجاڭدا 2018-يىلىنىڭ 1-پەسلىدە 461 مىڭ ئادەم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号