ss ss ss ss

بۇ يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى جەنۇبىي شىنجاڭلىق ئىشچىلار قومۇلغا يېتىپ كەلدى
2018-03-13 12:02:44   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


ئۆز خەۋىرىمىز: بۇ يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى جەنۇبىي شىنجاڭلىق 80 ئىشچى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى پويىزغا ئولتۇرۇپ قومۇلغا يېتىپ كەلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىشچىلار قومۇلنىڭ ھەرقايسى رايون ۋە ناھىيەلىرىدە مۇھىت ئاسراش ۋە باغ-ئورمانچىلىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

3-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر سائەت 1:00 لەر ئەتراپىدا، خوتەندىن كەلگەن 35 ئىشچى، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن كەلگەن 45 ئىشچى T284 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ قومۇلغا يېتىپ كەلدى.

خوتەندىن كەلگەن ئىشچىلارنى باشلاپ كەلگەن كادىر لى جىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم خوتەندىن كەلگەن 35 ئىشچى ئاساسىي جەھەتتىن ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن بولۇپ، 35 ئىشچىنىڭ ئىچىدە 17 جۈپ ئەر-ئايال باركەن. دېمەك بىر ئائىلىدىن ئەر-ئايال ئىككى ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا ئورۇنلاشقان.

قومۇل شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لو جىشياڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئىش ئورنىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى جەھەتتە، ئېۋىرغول رايونى جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى 35 ئىش ئورنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى 25 ئىش ئورنى، ئاراتۈرۈك ناھىيەسى جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى 20 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن. ھەرقايسى رايون ۋە ناھىيەلەر تاماق، ياتاق شارائىتلىرىنى تولۇق ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/03/12/035123965.shtml

ئالدىنقى مەزمۇن: قەشقەر ۋىلايىتىدىن 120 ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى
كېيىنكى مەزمۇن: پوسكامدىكى ھەر مىللەت ئامما كوللكېتىپ كۆچەت تىكتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号