ss ss ss ss

ئاپتونوم رايون «1–ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى
2017-04-30 16:06:57   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتايلى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 

لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹1–ماي›› خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايون 4–ئاينىڭ 27–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ‹‹1–ماي›› خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىندا سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىشچىلار، دېھقانلار، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىشچى–خىزمەتچىلىرى، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە ئەمگەكچى ئاممىدىن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر–جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر–ئەسكەرلىرى ۋە ج خ كادىر–ساقچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

يىغىندا مۇناسىۋەتلىك تەقدىرلەش قارارىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىن مەملىكەتلىك ‹‹1–ماي›› ئەمگەك تەقدىرنامىسىگە ئېرىشكەن ئۈچ ئورۇن، مەملىكەتلىك ‹‹1–ماي›› ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكەن 16 شەخس، مەملىكەت بويىچە ‹‹ئىشچىلار ئاۋانگارتى›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن 22 كوللېكتىپ تەقدىرلەندى. شىنجاڭنى ئېچىش–قۇرۇش تەقدىرنامىسىگە ئېرىشكەن 41 ئورۇن، شىنجاڭنى ئېچىش–قۇرۇش مېدالىغا ئېرىشكەن 101 شەخس، ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ئىشچىلار ئاۋانگارتى›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن 120 كوللېكتىپ تەقدىرلەندى.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2–ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى، بولۇپمۇ 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5–يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىشقا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئامما ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2–ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىگە باشتىن–ئاخىر يېقىندىن ئەگىشىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش يېڭى مۇساپىسىدە ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشى كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئامما سىياسىي جەھەتتە تېخىمۇ قەتئىي بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشى؛ مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ سەمىمىي بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇشى؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ رول ئويناپ، جاپالىق ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، ئىجادىيەتلىك ئەمگەك قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى؛ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش جەھەتتە تېخىمۇ تىرىشىپ، ھەر مىللەت ئىشچى–خىزمەتچىلىرىگە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى؛ ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش جەھەتتە تېخىمۇ ئاڭلىق بولۇپ، ئۆزىنى بېغىشلاش جەريانىدا كىشىلىك قىممىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەت–بىر مەقسەتتە پۇختا ۋە جاپالىق ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ باتۇرانە ئىلگىرىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، ئىناق–ئىتتىپاق، باي–باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھارماي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك!

2017–يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە شىنجاڭنى ئېچىش–قۇرۇش مېدالىغا ئېرىشكەن ئوسمان جالال ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىشچى–خىزمەتچىلەر ۋە ئەمگەكچىلەرگە ‹‹يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرايلى›› دېگەن تەشەببۇسنامىنى چىقاردى.

ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن دۇڭ شىنگۇاڭ، جاۋ چۇڭجيۇ، رىزۋان ئەبەي، كۇڭ شىڭلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نازارەت، ئىدارىلەر، ئۈرۈمچى شەھىرى، قىسمەن شىركەت (گۇرۇھ)لەردىكى ھەر مىللەت ئىشچى–خىزمەتچىلەر، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرى ۋەكىللىرى، پېشقەدەم ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ تەكلىپلىك ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-04/28/content_597453.htm?lang=uy



ئالدىنقى مەزمۇن: ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىگە يەنە بىر يېڭى ماركا قوشۇلدى
كېيىنكى مەزمۇن: دۆڭكۆۋرۈك خەلق ئەسكەرلىرى بىرلەشمىسى «لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيتىدىكى ئۈلگە نۇقتىسى» شەرىپىگە ئېرىشتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号