ss ss ss ss

قاراشەھەر ناھىيەسىدىكى 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئائىلە دوختۇرى مۇلازىمىتىدىن بەھرىلىنىدۇ
2017-04-02 15:20:44   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 

مۇخپۇلجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: قاراشەھەر ناھىيەسى بۇ يىل ناھىيە، يېزا–كەنت سەھىيە مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا، ئائىلە دوختۇرى مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ناھىيەدىكى 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى بۇ مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

 ئائىلە دوختۇرى مۇلازىمىتى ئائىلە دوختۇرلىرىنىڭ ئائىلىلەرنى ساقلىقنى ساقلاش، دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللەرنى داۋالاش، ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى كونترول قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۆرسىتىدۇ. ئائىلە دوختۇرلىرى كېلىشىم ئىمزالىغان ئائىلىلەرنى داۋالىنىش، دورا ئىشلىتىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق جەھەتلەردە قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە ئېتىبار بېرىدۇ. كېلىشىم ئىمزالىغان ئائىلىلەر ئاساسىي قاتلامدا كېسەل كۆرسەتسە تېخىمۇ يۇقىرى نىسبەتلىك ئاتچوتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

بۇ ناھىيەنىڭ بورقاي يېزىسىدىكى دېھقان مارىگۈل توختى ئائىلە دوختۇرى مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، مەسئۇل دوختۇر ئۇنى ئۆيىدىلا داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، داۋالىنىش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنىش نىسبىتى %95كە يەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: دوختۇرلار كېسىلىمنى ئۆيىمىزگە كېلىپ داۋالاپ ئوبدان ساقايتتى، ناھىيە بازىرىغا بېرىپ داۋالانساق ئارتۇق چىقىم قىلاتتۇق، ھازىر داۋالىنىش قولايلىق بولۇپ كەتتى.


مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-03/31/content_592972.htm?lang=uy



ئالدىنقى مەزمۇن: بورتالا شەھىرى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانلىشىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى
كېيىنكى مەزمۇن: «قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادىمىز بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز»

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号