ss ss ss ss

81 ياشلىق مەمتىمىن بوۋاينىڭ دېھقانلار كۇتۇپخانىسى
2015-08-06 13:54:05   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

   تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: خوتەننىڭ لايسۇ كەنتى داڭلىق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش كەنتى. كەنتتىكى ئۈچ نەپەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچى بوۋايلارنىڭ ئىچىدە، ئەڭ چوڭى 110 ياش بولۇپ، مەمتىمىن ھوشۇر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېشى ئەڭ كىچىكى. مەمتىمىن بوۋاي مۇخبىرنى كۆرگەندە، ئۇنى خۇش تەبەسسۇم بىلەن كۈتۈۋالدى، ئۇ جۇشقۇن، تېتىك بولۇپ،  قارىماققا 81 ياشقا كىرگەندەك قىلمايتتى.

    پاراڭ ئارىلىقىدا بوۋاي مۇخبىرنى ئۆيىگە باشلىدى. مۇخبىر بوۋاينىڭ ئۆيىگە كىرىپلا، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى دېھقانلار كۇتۇپخانىسى مەپتۇن بولۇپ قالدى.

    كۇتۇپخانىغا نۇرغۇن دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىغان كىتابلاردىن باشقاي يەنە، پەن-تېخنىكا ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر تىزىپ قويۇلغانىدى. كىتاب ئىشكاپىنىڭ يېنىغا تۈرلۈك كونا تۇرمۇش بۇيۇملىرى تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇلار كېرىيە ناھىيەسى لايسۇ كەنتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئۆزگىرىشىنىڭ شاھىدى ئىدى.


ئالدىنقى مەزمۇن: تۇرپان-ئۈرۈمچى تاشيولىدا بىر ئاپتوبۇسقا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى
كېيىنكى مەزمۇن: شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىپ تاغدىن چۈشۈپ كەتكەن بالا تېخىچە ھوشسىز ياتماقتا

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号