ss ss ss ss

شىنجاڭدا تۇنجى ئەزا تەقدىم قىلىش خاتىرە باغچىسىىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى
2016-10-14 10:30:47   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، دۇڭشەن ئېكولوگىيە قەبرىستانلىقىدا شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەزا تەقدىم قىلىش خاتىرە باغچىسىغا يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، خاتىرە باغچىسى ئەزا تەقدىم قىلغۇچىنى ھەقسىز دەپنە ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

ئەزا تەقدىم قىلىش خاتىرە باغچىسىنىڭ كۆلىمى 500 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، خاتىرە مۇنارى، خاتىرە تېمى ۋە نەزىر-چىراغ مەيدانىدىن تەشكىل قىلىنغان. خاتىرە مۇنارىغا «جىسمىي كەتكەن بولسىمۇ، روھىي مەڭگۈ يوقالمايدۇ» دېگەن مەنە يوشۇرۇنغان، خاتىرە تېمىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئەزا تەقدىم قىلغۇچىنىڭ ئىسمى بار، نەزىر-چىراغ مەيدانىنىڭ ئىككى تەرىگە ئەزا تەقدىم قىلغۇچىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان ئالتە دانە ئاق مەرمەر خاتىرە تېشى ئورنىتىلغان. 

ئىگىلىنىشچە، ئەزا تەقدىم قىلىش خەلقئارادا جەمئىيەت تەرىپىدىن مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ ئۆلچىمى دەپ قارالغان، ئېلىمىزدە ھەريىلى تەخمىنەن بىر مىليون 500 مىڭ ئادەم ئەزاسى چېكىنىش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز بولغاندا 300 مىڭ ئادەمگە ئەزا كۆچۈرۈش ئارقىلىق ھاياتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ، ئەمما ھەريىلى پەقەت 10 مىڭ ئادەم ئەزا كۆچۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. 2013-يىلىدىن ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 286 نەپەر پىدائىي ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە ئەزا تەقدىم قىلىشقا تىزىملاتتى، 18 نەپەر پىدائىي ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەزاسى تەقدىم قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي 40 دانە ئەزاسىنى تەقدىم قىلىپ، بىمارنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈردى. 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرىست جەمئىيىتى ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ماسلاشتۇرۇپ كۆپ خىل شەكىلدە تەشۋىقات سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، پۇقرالارنى ئۆزى خالاپ ئەزاسىنى تەقدىم قىلىشقا تەشەببۇس قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئەزا تەقدىم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكى، مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆپلىگەن پۇقرالار ئەزا تەقدىم قىلىش پىدائىيلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىنسانپەرۋەرلىك، مېھىر-مۇھەببەت، تەقدىم قىلىش»تەك قىزىل كىرىست روھىنى ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزۈپ، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. 

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرلار ۋەكىللىرى خاتىرە مۇنارى ئالدىغا گۈل قويماقتا. 



ئالدىنقى مەزمۇن: خەلقئارالىق شاھمات ماھىرلىرى ئاتۇشقا جەم بولدى
كېيىنكى مەزمۇن: «يىپەك يولىنى كېسىپ ئۆتۈش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى» زىيارەت ئۆمىكى قەشقەرگە يېتىپ كەلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号