ss ss ss ss

‹‹ھەدىيە››نىڭ كۆرگەزمىدىكى ئارزۇسى
2016-09-22 00:05:23   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى خەۋىرى:

ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: كۆرگەزمە ئارقىلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇشنى، توختام ئىمزالاپ ئىقتىسادىي كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز،-مانا بۇ ئاقسۇ ‹‹ھەدىيە››  قول-ھۈنەرۋەنچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئامانگۈل ئىمىننىڭ يۈرەك سۆزى.

بۇ ئامانگۈل ئىمىننىڭ ئىككىنچى قېتىم جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشى بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆز شىركىتىدە ئىشلەپچىقارغان 18 خىل مەھسۇلاتنى قاتناشتۇرغانىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز 2014-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بويۇملىرىنى ئاساس قىلىدۇ، نۆۋەتتە شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى 38 خىلغا يەتتى، شىركىتىمىز يەنە 2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ياخشى باھاغا ئېرىشتى. بۇلتۇرقى كۆرگەزمىدە بىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن سودىگەرلەر بىلەن بىلەن بىر مىليونلۇق سودا توختامى تۈزگەنىدۇق، بۇ يىلقى كۆرگەزمىدىمۇ تېخىمۇ چوڭ توختاملارنى تۈزۈشكە، قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشەنچىمىز كامىل.

مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-09/21/content_550963.htm



ئالدىنقى مەزمۇن: قومۇل چاشمىلىرى كۆرگەزمىدە جۇلالاندى
كېيىنكى مەزمۇن: 5-ئەۋلاد ئەتلەس توقۇش ۋارىسى ئەمەر ئېلى كۆرگەزمىدە ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号