ss ss ss ss

​پامىر شىركىتى 107.4 قاتناش پروگراممىسى بىلەن «ئېھسان» مېھىر-مۇھەببەت لوڭقىسىنى تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
2016-08-22 22:33:23   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

نۇر تورى مەخسۇس خەۋىرى :

14-ئاۋغۇست توقسۇن دىيارىدا شىنجاڭ پامىر نېفىت-خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى 107.4 قاتناش پروگراممىسى بىلەن توقسۇن خەلق رادىيو رادىيو ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ئېھسان» مېھىر-مۇھەببەت لوڭقىسىنى تارقىتىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى.

پائالىيەتكە توقسۇن ناھىيىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى،تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى باھارگۈل ماھىت، توقسۇن ناھىيىلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە رادىيو كىنو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن شۇجىسى مورۇڭ، توقسۇن ناھىيىلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە رادىيو كىنو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئابلەت قادىر، توقسۇن ناھىيىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شەرىپە ئابدۇراخمان، شىنجاڭ پامىر نېفىت-خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى تۇراجان ئىگەم، تاراتقۇلار مۇخبىرلىرى شۇنداقلا «ياخشى ئىشلار مەندىن باشلانسۇن ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ توقسۇن، تۇرپاندىكى تارماق ئەترەتلىرىنىڭ پىدائىيلىرى قاتناشتى.

پائالىيەتكە توقسۇن خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى كىبەيتۇللا ئەرشىدىن، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىلىرىدىن مەۋلۇت ئىبراھىم، پاتىگۈل مەسۇم قاتارلىقلار رىياسەتچىلىك قىلدى.

پائالىيەتتە ئائىلىسىگە ۋاپادار بولۇپ 20 يىلدىن ئارتۇق ئائىلىسىدىكى ئېغىر مېيىپ قېرىنداشلىرىغا قارىغان،  ئۇزۇن يىل كېسەل باققان، ھىچقانداق ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىقى بولمىغان ياشانغانلارنى ئۆز ئائىلىسىگە ئەكىلىپ قارىغانلاردىن توقسۇن خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بىلەت تاشلىشى بىلەن 30نەپەر مېھىر-مۇھەببەت ئەلچىسى تاللىنىپ چىقىلىپ ئۇلارغا «ئېھسان» مېھىر-مۇھەببەت لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلدى. ئۇلارنىڭ باشقىلارغا شەخسىيەتسىز ياردەم بېرىشتەك ئېسىل خىسلىتى مەدھىيلەندى ھەم ئۇلاردىن ئۈگىنىش تەشەببۇس قىلىندى.پامىر شىركىتى ئۇلارغا ئۇن،ياغ،گۈرۈچ قاتارلىق تۇرمۇش بويۇملىرىنى ھەدىيە قىلدى.

سۈرەتتە پامىر شىركىتىنىڭ لىدىرى تۇراجان ئىگەم.

شىنجاڭ پامىر نېفىت-خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى 2006-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ پامىر ماركىسىدىكى سىلىقلاش مېيى، توڭلىماس سۇيۇقلۇقى، توڭلىماس ئەينەك سۇيۇقلۇقى، ئەينەك تازلاش سۇيۇقلۇقى، ئاككۇمۇلياتور سۇيۇقلۇقى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش،  ئىشلەپچىقىرىش،  سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان. ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى، تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئانالىز قىلىشتەك ئۇنېۋىرسال ساپاغا ئىگە بولغان مىللى كارخانىچىلار ئىچىدە سىلىقلاش مېيى ساھەسىدە تۇنجى بولۇپ مەھسۇلاتنى ئۆزى ئشلەپچىقىرىدىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق باشلامچى كارخانا.

شىركىتىمىز 2015 -يىلى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنى يۆلەش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچى مىچۈەن  - كۆكتاغ خىمىيە سانائىتى رايونىدىن 13مىڭ كۋادىرات مېتىر يەرگە بىر يۈرۈش ئىشخانا بىناسى ، ئىككى يۈرۈش ئېشلەپچىقىرىش سېخى ، 3000 توننىلىق خام ماتېرىيال ساقلاش ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا ئۇل سالدى . بۇ قۇرۇلۇش ئىككى قارارغا بۆلۈپ قىلىنىدىغان بولۇپ ئومۇمى سېلىنىدىغان مەبلەغ 38 مىليون . شىركىتىمىز جەميىئەتنىڭ تەقەززاسى ۋە ئىش كۈتۈۋاتقان ئىرادىلىكلەرنى خىزمەت پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ، ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئەمەلىي تەربىيلەشنى مەقسەت قىلغان بىلىم باغچىسى ـــ «پامىر نېفىت-خىمىيە سانائەت كەسپى تەربىيلەش مەكتىپى» نى قۇرۇپ چىقماقچى.

مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تۈرلىرى :

1.نېفىت ئايرىش تېخنىكىسى، مېخانىكا ماشىنىلىرى ئاساسى مەشغۇلات تېخنىكىسى،  مېخانىكا ماشىنىلىرىنى لايىھەلەش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئاقما لىنىيە باشقۇرۇش - ئاسراش تېخنىكىسى، ئاپتوموبىل رېمونت ۋە ئاسراش كەسپى. (ئۇزۇن مەزگىللىك تەربىيلەش )

2. شوپۇرلۇق تەربىيلەش، ئاپتوموبىل ئاسراش خادىملىرىنى سىلىقلاش مېيى بىلىملىرى، مۇلازىمەت، سىلىقلاش مېيى ئالماشتۇرۇش، ئاپتوماتىك كورۇپكا مېيى ئالماشتۇرۇش، ئىنچىكە كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلىش كەسىپلەردە نەزىرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيلەش.

شىركىتىمىز 10يىللىق تېخنىكا تەجرىبىمىز ۋە خېرىدارلارنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسى، تەلىپىگە ئاساسەن «ئېھسان» ماركىسىدىكى مەھسۇلاتىمىزنى بۈگۈنكىدەك ۋاپادارلىق ئەلچىلىرىنى مۇكاپاتلاش ،خەير-ساخاۋەت قىلىش پائالىيىتى ئارقىلىق بازارغا سالماقچى. بۇ مەھسۇلات نۇقتىلىق ھالدا دېزىل ماتور بازىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ سىلىقلاش مېيى، توڭلىماس سۇيۇقلۇقى، توڭلىماس ئەينەك سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شىركىتىمىز يېقىنقى يىللاردىن بىرى دىيارىمىزدىكى ئاپتوموبىل ساھەسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى ۋە داڭلىق ماركىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك سىلىقلاش مېيىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن 2014-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ فىرانسىيەدىن ئمپورت قىلىنغان موتۇل سىلىقلاش مېيىنىڭ شىنجاڭدىكى باش ۋاكالەتچىسى بولۇپ دىيارىمىزدىكى داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللارنى %100 ئىمپورت مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.

پامىر شىركىتى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن بىرلىكتە «ياخشى ئىشلار مەندىن باشلانسۇن ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» ئاپتوموبىل ئەترىتى تەشكىللەش پائالىيىتىنى ئۈرۈمچى،كورلا قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى باھاغا ئېرىشتى.

بۇ قېتىمقى «ئېھسان» مېھىر-مۇھەببەت لوڭقىسىنى تارقىتىش پائالىيىتى ئىنتايىن تەسىرلىك داۋاملاشتى. مەۋلۇت ئىبراھىم پائالىيەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى توغرىسىدا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا نەخ مەيداندىن خەۋەر بەردى.

سەنئەتكارلار ئورۇنلىغان ئىتتىپاقلىق، مېھىر-مۇھەببەت كۈيلەنگەن، مول-مەزمۇنلۇق ناخشا-ئۇسۇل، لەپەر قاتارلىق نۇمۇرلار پائالىيەتنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. پائالىيەتتە ئاممىدىن قاتناش قائىدىسى، مەدەنىي يول يۈرۈش شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر سوئال سورالدى، توغرا جاۋاب بەرگەنلەرنى ۋە تۇرپان، توقسۇندىكى «ياخشى ئىشلار مەندىن باشلانسۇن ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ئەزا بولغان تاكسى شوپۇرلىرىنى پامىر شىركىتى ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇكاپاتلىدى.




ئالدىنقى مەزمۇن: شىنجاڭدا 2016-يىللىق چوڭلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاش 28-ئاۋغۇست باشلىنىدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: گۈزەل ئاقتاش ئارامگاھى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号