ss ss ss ss

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەڭ ئاۋۋال ئائىلىلەرگە كىرىپ ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى
2015-07-04 20:32:54   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

 

تەڭرىتاغ تورى تېز خەۋىرى: قوشتاغ يېزىسى گۇما ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 37 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، 3-ئىيۇل سائەت 9:07 ( بېيجىڭ ۋاقتى ) دە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندە، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ قوشتاغ يېزا قوشتاغ كەتنىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى تۇرۇۋاتقان ئۆيلەرمۇ قاتتىق تەۋرەپ، تاملارغا دەز كەتتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە -پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشتاغ يېزىسىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باش يېتەكچىسى، قوشتاغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى مەخمۇت تۇرسۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئائىلىلەرگىچە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، كەنتنىڭ ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قوشتاغ كەنتىدە بەش گۇرۇپپا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ئاھالىلىرى خام كېسەك قۇرۇلمىلىق ئۆيلەردە تۇرىدىغان بولغاچقا، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە بۇ ئۆيلەرنىڭ دەز كېتىش، ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن، لېكىن باشقا ئۈچ گۇرۇپپىدىكى ئاھالىلەر يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەردە تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۆيلىرى ئاساسەن ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغان.

    يەر تەۋرىگەندە، گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسى دېھقانچىلىق كەنتىدە تۇرۇۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى شى رۇشيۇڭ يۈزىنى يۇيۇۋاتقان ئىدى.

    « تەۋرەش سېزىمى ناھايىتى كۈچلۈك، يەرلەر تەۋرەپ، ئۆگزىدىكى ياغاچ لىملارمۇ غىچىلداپ كەتتى، مەن يەر تەۋرىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، ھويلىدىكى ۋاسكىتبول مەيدانىدىكى ۋاستىكبول جازىسىنىڭ مىدىرلىغانلىقىنى كۆردۇم». شى رۇشيۇڭ مۇخبىرنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى باشقا خادىملار بىلەن بىرلىكتە ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلىۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىزمەت گۇرۇپپىسى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ھەممە ئۆيلەرگە كىرىپ ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ، كېسەك قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرگە دەز كەتكەندىن باشقا، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرنىڭ تىنچ - ئامان تۇرغانلىقىنى بايقىغان.

    نۆۋەتتە، « ئۈچ ئەل » خىزمەت گۇرۇپپىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن كەنتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.


ئالدىنقى مەزمۇن: ﮔﯘﻣﺎ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﯩﺪﻩ 4- ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻳﻪﻧﻪ 3.2 ﺑﺎﻝ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﯨﺪﻯ
كېيىنكى مەزمۇن: ﮔﯘﻣﺎ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﯩﺪﻩ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺷﺘﯩﻦ كېيىنكى ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号