ss ss ss ss

گۇما ناھىيەسىدە يەنە 3.2 بال يەر تەۋرىدى
2015-07-04 20:30:50   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

    7-ئاينىڭ -3-كۈنى سائەت 09:07 ئۆتكەندە، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىدى، دۆلەت تورى شىنجاڭ ئېلېكتر شىركىتى تېز سۈرئەت بىلەن جىددىي ئەھۋال سىگنالى تارقىتىپ، تېزلىك بىلەن نەق مەيدانغا مەخسۇس خادىم ۋە جىددىي رېمونت قىلىش ئەترىتى ئەۋەتكەنلىكتىن، خوتەن ئېلېكتر تورى، قەشقەر ئېلېكتر تورى ۋە گۇمىدىكى ئېلېكتر كۈچى بىلەن تەمىنلەش ئاساسىي جەھەتتىن نورماللاشقان.

    جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ ئېنىقلىشىچە، 7-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 19 دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى گۇمان ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 37.6 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.9 گرادۇس) دە 3.2 بال يەر تەۋرەپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىرغا يەتكەن.

    جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلغۇچىسى پولكوۋنىك (上校) شېن جىنكېنىڭ 3-ئىيۇل ئېلان قىلىشىچە، ھاۋا ئارمىيە شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جىددىي تۈردە شىنجاڭ خوتەن گۇما ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاپەت ئەھۋالىنى چارلاشقا بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەۋەتكەن. بۇ ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن ئاپەت رايونلىرىنى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى ئىكەن.


ئالدىنقى مەزمۇن: يەر تەۋرىگەندە جىددىي ئەھۋالدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرى
كېيىنكى مەزمۇن: دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا يۈزلەندۈرەيلى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号