ss ss ss ss

شۈبھىدىن خالىي SAC كوللاگېن پېپتىدلىرى سىزگە ساغلام ھايات ئاتا قىلغۇسى
2015-06-27 14:31:47   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


بېيجىڭ جۇڭكې كەيئېر ساغلاملىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ پەن–تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تورىغا ئەزا ئورگاندۇر. شىركىتىمىز جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بولغان تەتقىقات ۋە تېخنىكا سۇپىسىنى تايانچ قىلغان. مۇستەقىل ھالدا پېپتىد تېخنىكىسىدىكى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ،  ئوزۇقلىنىش، ساقلىقنى ساقلاش، گۈزەللەشتۈرۈش ۋە تېرە ئاسراش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان ساغلاملىق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار لىنىيەسىنى بەرپا قىلغان ھەمدە كۆپ تۈرلۈك پەن-تېخنىكا پاتېنتىغا ئېرىشكەن. 


2015-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك تياتىرخانىسىدا «SAC كوللاگېنلىق پېپتىد ئارقىلىق مىليونلىغان كىشىنىڭ ساغلاملىقىغا ياردەم بېرىش پىلانى» نامىدىكى چوڭ تىپتىكى جامائەت پاراۋانلىقى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش يىغىنى ۋە «شىنجاڭ تايماس خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» نىڭ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن SAC كوللاگېنلىق پېپتىد تەمىنلەش كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېچىلدى.


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى تەرەققىيات فوندىنىڭ رەئىسى، جامائەت ئەربابى يۇسۇپ ئەيسا ئەپەندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى تەرەققىيات فوندىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى تەي ئېنپۇ ئەپەندى. ياشانغانلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى-  يەن چىڭچۇن ئەپەندى. جۇڭگو ياشانغانلار خىزمىتى تەرەققىيات فوندىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى— لۇ يامىي خانىم. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ياشانغانلار خىزمىتى تەرەققىيات فوندىنىڭ كېڭەش باشلىقى— ۋاڭ يوۋسەن ئەپەندى. جۇڭگو پىپتېد ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن ھەيئەت مۇدىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسى خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى- شۈجىيەن ئەپەندى. جۇڭگو پېپتىد ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن ھەيئەت مۇدىرى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئىككىنچى توپچى قىسم باش دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى، ئارمىيە تاشقى سۈيدۈك  كەسپى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ھەيئەت مۇدىرى، پروفېسسور زۇۋ لىيەن ئەپەندى. بېيجىڭ ئولىمپىك ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتى، بىيجىڭ گوئاۋ ئەسىر مەبلەغ باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى تەشكىلى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خېلىل ئەپەندى. شىنجاڭ تايماس خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى— دىلشات ئەپەندى قاتارلىق ھەر قايسى مۇتەخەسسىس ۋە رەھبەرلەر، ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن جەمئىي 400 گە يېقىن ئادەم قەدەم تەشرىپ قىلدى.


ياشانغانلارنىڭ كېسەل ئازابىدىن خالى بۇلىشى، ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن، خەلىقئارا پېپتىد ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن بېيجىڭ جۇڭكى كەيئېر ساغلاملىق  پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭلىقلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، نىشانلىق ھالدا جۇڭگو ياشانغانلار خىزمىتى تەرەققىيات فوندىنىڭ «ياشانغانلار ئۈمىد قۇرۇلۇشى» ئۈچۈن،  SAC جۇڭكى كەيئېر كوللاگېنلىق پىپتېدنى ياردەم سۈپىتىدە ئىئانە قىلدى شۇنداقلا جۇڭگودىكى ئىجرا قىلغۇچى ئورگان سۈپىتىدە، خەلىقئارا پېپتىد ئىلمىي جەمئىيىتى ئوتتۇرىغا قويغان «پېپتىد ئارقىلىق مىليونلىغان كىشىنىڭ ساغلاملىقىغا ياردەم قىلىش پىلانى» نى شىنجاڭغا ئېلىپ كىردى. مەملىكەتلىك ياشانغانلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى—  يەن چىڭچۇن ئەپەندىم بىلەن جۇڭگو ياشانغانلار خىزمىتىنى تەرەققىي  قىلدۇرۇش فوند جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى— لۇ يامىي خانىمنى سەھنىگە چىقىپ ئىئانە قىلغان ئورۇنغا «ئىئانە قىلىش گۇۋاھنامىسى» ۋە «ياشانغانلار ئۈمىد قۇرۇلۇشىنى ئىجىراقىلىش ھوقوقى بېرىش گۇۋاھنامىسى» نى تارقىتىپ بەردى.


پېپتىد مۇتەخەسسىسى زۇۋ دوختۇرخانا باشلىقى ۋە باشقا رەھبەرلەر بىرگە سەھنىگە چىقىپ «ياشانغانلار ئۈمىد قۇرۇلۇشى»، « پېپتىد ئارقىلىق مىليونلىغان كىشىنىڭ ساغلاملىقىغا ياردەم بېرىش پىلانى» نامىدىكى چوڭ تىپتىكى پاراۋانلىق پائالىيىتىنى شىنجاڭغا باشلاپ كىرىش ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىشگە تەكلىپ قىلىندى.


كىچىك مولىكۇلالىق پېپتىد تېخنىلوگىيەسى يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان شۇنداقلا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان بىر ساھەدۇر. جۇڭكې كەيئېر ساغلاملىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى جۇڭگو پېپتىد سانائىتىنىڭ باشلامچىسى، بەرپاچىسى ۋە قوزغاتقۇچىسى شۇنداقلا جۇڭگو پېپتىد سانائەت مەنبەسىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋە بۇ ساھەدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ساھىبىدۇر. جۇڭكې كەيئېر شىركىتىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن كىچىك مولىكۇلالىق پېپتىد تېخنىكىسى ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش، ساقلىقنى ساقلاش، ئوزۇقلىنىش، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن بازار كۈچىنى نامايەن قىلماقتا.


شىنجاڭ تايماس خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى جۇڭكې كەيئېر يەنى SAC كوللاگېن پېپتىدلىرىنى شىنجاڭ بازىرىغا ئېلىپ كىرگەن بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. SAC كوللاگېن پېپتىدلىرى ئاسىيا ئىسلام جەمئىيىتى يېمەكلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھالال تەستىقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، خاتىرجەم ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.


SAC كوللاگېن پېپتىدلىرى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنغان پېپتىد مەھسۇلاتى بولۇپ، تەنھەرىكەتچىلەر ئىستېمال قىلسا بولىدىغان بىردىنبىر پېپتىد مەھسۇلاتىغا ئايلاندى.

SAC كوللاگېن پېپتىدلىرى مەملىكەتلىك ياشانغانلار ئۈمىد قۇرۇلۇشىغا تەۋسىيە قىلىنغان پېپتىد مەھسۇلاتى بولۇپ، پېپتىد ئارقىلىق مىليونلىغان كىشىنىڭ ساغلاملىقىغا ياردەم بېرىش شەرىپىگە ئېرىشتى. 

شۈبھىدىن خالىي SAC كوللاگېن پېپتىدلىرى سىزگە ساغلام ھايات ئاتا قىلغۇسى.

شىركىتىمىز ھەرقايسى جايلاردىن داۋاملىق ۋاكالەتچى چاقىرىدۇ.

شىركەت ئادرېسى: تاشقى سودا ئالىي مېھمانسارىيى 5 - قەۋەت 001 - ئىشخانا

قىزىق لىنىيە تېلىفونى:    2863336            2873337 - 0991








پېپتىد دېگەن زادى قانداق ماددا؟

پېپتىد- مولىكۇلا ماسسىسى 3000 دالتوندىن تۆۋەن بولغان، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئاممونىي كىسلاتانىڭ پېپتىدلىق باغ ھالىتىدە ئۇلىنىشىدىن تۈزۈلگەن خىمىيەلىك بىرىكمىدىن ئىبارەت. بىر تال ئاممونىي كىسلاتا پېپتىد بولالمايدۇ، ئىككىدىن ئارتۇق ئاممونىي كىسلاتاسى بىرىككەندىلا پېپتىدنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ 50 تىن كۆپ بولغان ئاممونىي كىسلاتا پېپتىد بولماستىن، كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان ئاقسىلغا ئۆزگىرىدۇ.

ھۈجەيرە ھاياتلىقنىڭ ئاساسى بىرلىكى، ئورگانىزىمدا تەخمىنەن 60 تىرلىيون ھۈجەيرە بولىدۇ. ھۈجەيرە تەنچىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ماددا ئاقسىلدىن ئىبارەت. ئاقسىل تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىكرو مىقداردىكى ۋىرۇس، باكتېرىيەدىن ئىنسانغىچە بولغان ھەممە جانلىق ئاقسىلدىن ئايرىلالمايدۇ. ھاياتلىق پائالىيىتى ئاقسىل ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. ئاقسىل بولسا پېپتىد بېغىدىن تۈزۈلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن پېپتىدنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدىكى رولى ئاقسىلدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئادەم ئورگانىزىمدىكى بارلىق ھۈجەيرە پېپتىدنىڭ ماسلاشتۇرۇشىغا بويسۇنىدۇ. بىيولوگىيەلىك جانلىقلار تېنىدىكى ھەر خىل ئاقسىل فۇنكىسىيەسى، ھەرخىل ھۈجەيرە فۇنكىسيەسى، بارلىق ھاياتلىق پائالىيەتلىرى، مەسىلەن، ئۆسۈش، يېتىلىش، كۆپىيىش، مىتابولىزىم (ماددا ئالماشتۇرۇش)، ھەرىكەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پېپتىد ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ھاياتلىقنى پېپتىدنىڭ رېئاكسىيە سىستېمىسى، پېپتىدنى بولسا ھاياتلىقنىڭ سەركەردىسى دەيمىز.

پېپتىدنىڭ قوماندانلىقىدىكى ھۈجەيرە ئوزۇقلۇقلارنى ئۈنۈملۈك ھالدا سۈمۈرەلەيدۇ، زەھەر (توكسىن) نى ھەيدەيدۇ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ھالەتتە بولىدۇ؛ پېپتىد كەمچىل بولغان ھۈجەيرىدە ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ۋە زەھەر ھەيدەش توسالغۇسى كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ھۈجەيرە نىكروزلىنىدۇ ياكى قېرىيدۇ.

ئىستېمال دەۋرى ۋە ئۈنۈمى

بىر كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە ئىستېمال قىلغاندا:

ئادەم بەدىنىدىكى ئەركىن رادىكاللارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئازلايدۇ.


بىر ھەپتە ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن:

كۈندۈزلىرى بەدەن قۇۋۋەتلىك ۋە يىنىك، زېھىن ئوچۇق بولىدۇ، كېچىلىرى ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ؛

بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ياخشىلىنىدۇ ۋە كۈچىيىدۇ؛

ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ياخشىلىنىدۇ، قەۋزىيەت ئوڭشىلىدۇ ياكى پۈتۈنلەي يوقايدۇ.

قاننىڭ ئوكسىگېن ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ، مىتابولىزىم تەڭپۇڭلىشىدۇ؛

ئاياللارنىڭ تېرىسى سىلىق، يۇمران، چىڭ ھەم نۇرلۇق ھالەتكە ئۆتىدۇ؛

ئەرلەرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ.


بىر ئاي ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن:

يىنىك دەرىجىدىكى نېرۋا ئاجىزلىق ئالامەتلىرى تەدرىجىي يوقايدۇ؛

بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىدۇ ۋە تەڭپۇلىشىدۇ؛

بەدەننىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە قارشى ئىقتىدارى ئاشىدۇ؛

گېن ئېرسىيىتى خاراكتېرلىك ئۆسمە ماددىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا:

بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ، ساغلام تۇرمۇش سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛

ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى ياخشىلىنىپ، ئىشتىھا ئېچىلىدۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ؛

بەدەندىكى ھەرقايسى سىستېمىلار ياشلىقنىڭ جۇشقۇن ھالىتىگە قايتىدۇ، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلايدۇ؛

ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان، بالىياتقۇ قاتارلىق كۆپىيىش ئەزالىرىغا قۇۋۋەت تولۇقلىنىدۇ، جىنسىي يولنىڭ قېرىش ھالىتى راۋرۇس ياخشىلىنىدۇ؛ يۈز تېرىسى تېخىمۇ يۇمران، پارقىراق، ئىلاستىك ھالەتكە كېلىدۇ، يۈزىدىكى داغ-سەپكۈنلەر سۇسلىشىدۇ؛

سۆڭەك بوشاپ كېتىش ئالامەتلىرى يوقايدۇ، يارا ئېغىزىنىڭ قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ؛

ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالەتلىرى تەدرىجىي يوقايدۇ. بەدەم قۇۋۋىتى، چىدامچانلىقى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ؛

كۆز قىسمىدىكى قان بىلەن تەمىنلەش ياخشىلىنىدۇ، چاچنىڭ ئەۋرىشىملىكى ئېشىپ، پارقىراق ھالەتكە ئۆتىدۇ، قېرىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستىلايدۇ.


SAC كوللاگېنلىق پېپتىدىغا جايلاردىن ۋاكالەتچى چاقىرىدۇ. قىزىق لىنىيە تېلىفون نومۇرى : 2808567 0991

شىركەت ھەققىدە :

بېيجىڭ جۇڭكې كەيئېر ساغلاملىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ پەن–تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تورىغا ئەزا ئورگاندۇر. شىركەتنىڭ باش شىتابى بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونى ۋاڭجىڭ كوچىسى 2- نومۇردا بولۇپ، ۋاڭجىڭ كوچىسىدىكى سوخو، بېنىز، مىكروسوفت، كاتېرپىللىر«Caterpillar»، سىمىنز «SIEMENS» قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى باش شىتابلىرىغا خوشنا بولۇپ ئورۇنلاشقان.

شىركىتىمىز ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تونۇشتۇرۇپ كۆلەملەشتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. نوپۇزلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەلا سۈپەتلىك ساغلاملىق بۇيۇملىرى بىلەن ئاممىغا نەپ يەتكۈزۋاتىدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ.

شىركىتىمىز جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بولغان تەتقىقات ۋە تېخنىكا سۇپىسىنى تايانچ قىلغان. مۇستەقىل ھالدا پېپتىد تېخنىكىسىدىكى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ،  ئوزۇقلىنىش، ساقلىقنى ساقلاش، گۈزەللەشتۈرۈش ۋە تېرە ئاسراش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان ساغلاملىق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار لىنىيەسىنى بەرپا قىلغان ھەمدە كۆپ تۈرلۈك پەن-تېخنىكا پاتېنتىغا ئېرىشكەن. جۇڭكې كەيئېر شىركىتى كارخانا تەرەققىياتىدا «ساغلام بەدەن، ساغلام ھايات» قا مۇلازىمەت قىلىش پىرىنسىپىنى يېتەكچى قىلىپ، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. شىركىتىمىز كۆپ يىللاردىن بېرى بىيومېدىتسىنا ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىلەر قوشۇنى ۋە ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مىخانىزىمى بىلەن پېپتىدلىق مەھسۇلاتلار بازىرىنىڭ ئەركە بالىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

كىچىك مولىكۇلالىق پېپتىد تېخنىلوگىيەسى يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان، شۇنداقلا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان بىر ساھەدۇر. جۇڭكې كەيئېر ساغلاملىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى جۇڭگو پېپتىد سانائىتىنىڭ باشلامچىسى، بەرپاچىسى ۋە قوزغاتقۇچىسى شۇنداقلا جۇڭگو پېپتىد سانائەت مەنبەسىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋە بۇ ساھەدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ساھىبىدۇر. جۇڭكې كەيئېر شىركىتىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن كىچىك مولىكۇلالىق پېپتىد تېخنىكىسى ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش، ساقلىقنى ساقلاش، ئوزۇقلىنىش، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن بازار كۈچىنى نامايەن قىلماقتا.

ئارزۇيىمىز:

كىچىك مولېكۇلالىق پېپتىد تۈرىدىكى مەھسۇلاتلىرىمىز ھەر بىر ئائىلىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان، ھەممە كىشى مەنپەئەتلىنەلەيدىغان ھالەتكە يېتىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، موشۇ ساھەدە ھەمكارلىشىۋاتقان ھەمراھلىرىمىزغا كۆڭۈلدىكىدەك پايدا يەتكۈزۈش!

بۇرچىمىز:

بىز دۇنيادىكى كىچىك مولىكۇلالىق پېپتىد مەھسۇلاتلىرى قاتارىدىكى ئاۋانگارت ماركا، تەمىنلىگۈچى ھەم ئومۇملاشتۇرغۇچى؛ بىز باشتىن-ئاخىرى مۇشۇ ھالەتنى ساقلايمىز؛ ئۆزگىچە ھەم سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىمىز؛ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز شۇنداقلا سەمىمىي مۇلازىمىتىمىز بىلەن بازاردا ئىناۋەت تىكلەيمىز، جەمئىيەتكە تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز!

قىممەت قارىشىمىز:

«مېھىر-مۇھەببەتنىڭ چېگرىسى يوق، ياخشىلىقنىڭ جاۋابى يەنىلا ياخشىلىق!»، «ئادەم ئاساس، ھەمكارلىشىش– مۇۋەپپەقىيەتتۇر!»، «ئىختىساس ئىگىلىرى شىركەتنىڭ ئەڭ مۇھىم دەسمايىسىدۇر!»، «كوللېكتىپنىڭ ھەمكارلىقى گۈزەل ئارزۇلارنى رېئالىققا ئايلاندۇرىدۇ!»

بىز دۇنيانى مەيدان، كەمتەرلىكنى لىباس، تىرىشچانلىقنى ئادەت قىلىپ تۇرۇپ، ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىمىز؛ بىز ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنى ئىزدەش سەپىرىدە، بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان سەپداشلىرىمىز بىلەن بىللە پەرۋاز قىلىمىز؛ جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى كەيئېر شىركىتىنىڭ «ساغلاملىق»تىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا پاراۋان تۇرمۇشقا ئىنتىلىمىز. قوزغىلىش كۈچىمىز نام-ئابروي قوغلىشىش ياكى نەپسانىيەتچىلىك ئەمەس، بەلكى تارىخىي بۇرچ ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت؛ بۇنداق يۈكسەك دەرىجىدىكى روھىي ئىستەك، ھاياتىمىزنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرىدۇ ھەم چىن مەنىسىدىكى قەدىر-قىممەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

1902- يىلى، لوندون ئۇنىۋېرستېتى مېدىتسىنا فاكۇلتېتىدىكى فىزىيولوگىيە ئالىملىرىدىن بايلىس (bayliss) بىلەن سىتەرلىڭ (Starling) ھايۋانلارنىڭ ئۈچەي ۋە ئاشقازانلىرىدىن تۇنجى بولۇپ پولى پېپتىد ماددىسىنى بايقىدى. بۇ بايقاش پېپتىدنىڭ ھاياتلىق ئىلمىدىكى تۈرلۈك فۇنكىسيەلىك تەتقىق قىلىنىشىغا يول ئاچتى، نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتى بۇ ئىككى ئالىمغا نوبىل بىيولوگىيە مۇكاپاتى بەردى.

1931- يىلى، «P ماددا» دەپ نام بېرىلگەن بىر خىل پولى پېپتىد بايقالدى شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇسكۇللارنى جانلاندۇرۇش، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش ھەمدە قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولى بارلىقى ئىسپاتلاندى. ئالىملار شۇنىڭدىن باشلاپ، پولى پېپتىد تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە دىققەت قىلىشقا باشلىدى ھەمدە بۇ تۈردىكى ماددىلارنى «نېرۋا پېپتىدى» دەپ ئاتىدى.

1953- يىلى، ۋىگناند (Vigneand) باشچىلىقىدىكى بىيوخىمىيە گۇرۇپپىسى بىيوئاكتىپلىق ئوكىستوتسىننى تۇنجى بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرىكتۈرۈپ چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى 50 يىللىق پولى پېپتىد تەتقىقاتى مېڭە ئاستى بېزى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان پېپتىدلىق ھورمۇنلارغا مەركەزلەشتى. 1965- يىلى، دۆلىتىمىز ئالىملىرى كالىنىڭ ئىنسۇلىن جەۋھىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىرىكتۈردى. بۇ دۇنيادا تۇنجى قېتىم بىرىكتۈرۈپ چىقىلغان بىيوئاكتىپلىق پولى پېپتىد تۈرىدىكى ماددا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

1984- يىلى، ئامېرىكىلىق بىيوخىمىيە ئالىمى، دوكتۇر مىيېرفىيېلد (R.Bruce Merrifield) ئادەم بەدىنىدىن ئاكتىپچان پولى پېپتىدنى بايقىدى ھەمدە پولى پېپتىدنى قاتتىق فازىلىق بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغانلىقى بىلەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

1986- يىلى، نوبىل فىزىيولوگىيە مۇكاپاتى پولى پېپتىدنىڭ ئۆستۈرگۈچى فاكتورىنى بايقىغان سىتەنلى كوھىن (Stanley Cohen) غا بېرىلدى. مۇكاپات بېرىش تەبرىكىدە: «سىتەنلى كوھىن ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىدا ناھايىتى مۇھىم بولغان يېڭى ساھەنى ئاچقانلىقى ئۈچۈن» دېيىلدى.

80- يىللاردىن باشلاپ پولى پېپتىد تەتقىقاتى مۇستەقىل كەسىپ بولۇشقا تەرەققىي قىلدى ۋە ھاياتلىق پەنلىرىدىكى ئەڭ يېڭى ساھە بولغان مولىكۇلا بىيولوگىيەسى، بىيوبىرىكتۈرۈش، ئىممۇنېتىت خىمىيەسى، نېرۋا فىزىيولوگىيەسى، كېلىنكا مېدىتسىناسى قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بولۇپمۇ گېن قۇرۇلۇشىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، تېخىمۇ نۇرغۇن پولى پېپتىد كەڭ كۆلەملىك ئىپادىلەندى. 1987- يىلى، ئامېرىكا تۇنجى گېن دورىسى بولغان ئادەم ئىنسۇلىنىنى تەستىقلىدى.

90- يىللاردا، ئىنسانلارنىڭ گېن گۇرۇپپا پىلانى قوزغىتىلدى. ئالىملارنىڭ گېن مەخپىيەتلىرىنى بىردىن–بىردىن يېشىشىگە ئەگىشىپ، پولى پېپتىد تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە گۈللىنىش ھالىتىگە كىردى. پېپتىد ئاقسىلنى تەشكىل قىلىدىغان قۇرۇلمىنىڭ بىر بۆلىكى شۇنداقلا ئاقسىل فۇنكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئاكتىپچان گېن قىسىمى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاقسىل قۇرۇلۇشى يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، پولى پېپتىد تەتقىقاتىدۇر.
پېپتىد- مولىكۇلا قۇرۇلمىسى ئاممونىي كىسلاتا بىلەن ئاقسىلنىڭ ئارىلىقىدا تۇرىدىغان بىر خىل بىرىكمە بولۇپ، 20 خىل تەبىئىي ئاممونىي كىسلاتانىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدە تەشكىللىنىش ۋە تىزىلىشدىن تۈزۈلىدۇ. پېپتىد- دىپېپتىدتىن تارتىپ ناھايىتى مۇرەككەپ تالالىق ياكى ھالقىسىمان تۈزۈلۈشكە ئىگە ئوخشىمىغان پېپتىد تۈرلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر.

پېپتىد- مولىكۇلا ماسسىسى 3000 دالتوندىن تۆۋەن بولغان، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئاممونىي كىسلاتانىڭ پېپتىدلىق باغ ھالىتىدە ئۇلىنىشىدىن تۈزۈلگەن خىمىيەلىك بىرىكمىدىن ئىبارەت. بىر تال ئاممونىي كىسلاتا پېپتىد بولالمايدۇ، ئىككىدىن ئارتۇق ئاممونىي كىسلاتاسى بىرىككەندىلا پېپتىدنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ 50 تىن كۆپ بولغان ئاممونىي كىسلاتا پېپتىد بولماستىن، كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان ئاقسىلغا ئۆزگىرىدۇ.

پېپتىد ئادەم بەدىنىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسلىق «قۇرۇلۇش ماتېرىيالى» ھەمدە «تۈزەش ماتېرىيالى». ئۇ ھازىر ئىنسانلار جەمئىيىتىگە كەڭ كۆلەمدە تونۇلدى ۋە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

پېپتىد بىلەن ھەرقانداق كېسەلنى داۋالاش مۇمكىن، ئۇنىڭغا تەڭداش دورا يوق.  - دوكتۇر ھيۇگرىن (ئامېرىكا)

21- ئەسىردىكى بىيولوگىيەلىك قۇرۇلۇش دېگەنلىك گېن قۇرۇلمىسى ۋە ئاقسىل قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئاقسىلنى تەتقىق قىلىش مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا، پېپتىدنى تەتقىق قىلغانلىق بولىدۇ. -دوكتۇر جۇ دىۋېن (نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق خەنزۇ ئالىم)

پېپتىد ھەرقانداق سەۋەبتىن بولغان جىگەر كېسىلىنى داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بەردى.  -كىلېر سىنىس (كانادا)

ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش تەجرىبىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىرىكتۈرۈلگەن ئاممونىي كىسلاتا بېغى، يەنى پولى پېپتىدنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، تىپىك بولمىغان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ بەدەن ھۈجەيرىلىرىگە سىڭىپ كىرىشىنى توسقىلى بولىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنى «كوكتېل ھارىقى» بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئىجادچىسى  -دوكتۇر خې دا (ئامېرىكىلىق خەنزۇ ئالىم)

پېپتىد، نېرۋا پېپتىدى– بۇنداق كۈچلۈك ئورگانىك ماددىلار تېرە ۋە چاچنى جانلاندۇرۇش، يۈرەك ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ھەمدە ئىممۇنېتىت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق قالتىس ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان.

   ئامېرىكا تېرە قېرىلىقى خەلقئارا تەتقىقات ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى،  مېدىتسىنا دوكتورى نىكولاس فابرزا (ئامېرىكىلىق ئالىم) ئانتىبىئوتىك تەركىبى يوق پونى (PONY) تەكشۈرۈپ بېكىتىش مەركىزىنىڭ سەككىز تۈرلۈك ئانتىبىئوتىك تەكشۈرۈشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن. چىرىتمەس رىئاكتېۋ تەركىبى يوق پونى (PONY) تەكشۈرۈپ بېكىتىش مەركىزىنىڭ بەش تۈرلۈك خىمىيەلىك چىرىتمەس رىئاكتېۋنى تەكشۈرۈشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن.


شىركەت ئادرېسى: تاشقى سودا ئالىي مېھمانسارىيى 5 - قەۋەت 001 - ئىشخانا

قىزىق لىنىيە تېلىفونى:    2863336            2873337 - 0991




ئالدىنقى مەزمۇن: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدا كېلەر ئايدىن باشلاپ گۈدۈك بېسىش مەنئىي قىلىنىدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: كۇچادىكى ئاياللار بىكار يۈرمىدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号