ss ss ss ss

500 نەپەر دىيابېت بىمارى ھەقسىز داۋالىتىلىدۇ، پۇرسەت غەنىيمەت !
2016-04-21 14:27:20   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

سۈرەتتە جۇڭخۇا دىيابېت جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر دوختۇر.

نۇر تورى خەۋىرى :

جۇڭخۇا دىيابېت جەمئىيىتى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئىككىلەمچى دىيابېتلارنى ھەقسىز داۋالاش لايىھەسى

<iframe frameborder="0" width="640" height="498" src="http://v.qq.com/iframe/player.html?vid=a01950utag9&tiny=0&auto=0" allowfullscreen=""></iframe>

دىيابېت كېسىلى توغرىسىدا ئەنۋەر مۇئەللىم بىلەن سۆھبەت «1-قىسىم»

 ئومۇمىي چۈشەنچە.

پۈتۈن دۇنيادا شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان كېسەللىكلەرنىڭ بىرسى دىيابېت كېسىلى بولۇپ ، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان نىسبەتتە كۆپەيمەكتە.

 جۇڭگو دۇنيادىكى 10 چوڭ دىيابېت دۆلىتىنىڭ بىرى بولۇپ، 43 مىليون سان بىلەن 2009- يىلى دۇنيا دىيابېت چوڭ دۆلىتى قاتارىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان .  بۇ چاغدىكى كۆپىيىش نىسبىتى %5 بولسا، 2015- يىلىغا كەلگەندە %11.6 لىك سۈرئەت بىلەن كۆپىيىپ، 1- ئورۇنغا ئۆتكەن.

 ھازىر يىلىغا 15 مىليونلۇق، سۈرەت بىلەن كۆپەيمەكتە ، مۇنداقچە ئېيتقاندا سېكۇنتىغا 1.3 ئادەم كۆپەيمەكتە ، بۇ سانلار ھەقىقەتەن ئادەمنى چۆچۈتىدۇ  . 70- يىللاردىكى %0.1 دىيابېت كېسىلى 80- يىللارغا كەلگەندە 0.67% بولغان، 90- يىللارغا %3.2 يەتكەن. 2009- يىلى جۇڭخۇا دىيابېت جەمئىيىتىنىڭ سىستاستىكىسىدا %5.4 دەپ كۆرسىتىلگەن، بۇ سان 2015-يىلغا كەلگەندە بىراقلا بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئۆرلىگەن، بۇ سان ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ دىققىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە بۇ كېسەلنىڭ خەۋپىدىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

1- پائالىيەتنى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت

تېز كۆپىيىۋاتقان كېسەللىكلەرگە قارىتا ئېنىق چۈشەنچىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كۆپ قاتلام كۆپ قىرلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى، يېمەك ئىچمەك ئادىتى ھەرىكەتلىنىش قانۇنىيىتى، پىسخىكىلىق تەڭشەش قاتارلىق تەرەپلەردىن ئەتراپلىق تەڭشەشنى ئۆگىتىش، ھەربىر بىمارنىڭ ئۆزىگە ئېھتىياجلىق ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق دىيابېت كېسىلى ساغلاملىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ ، قارىغۇلارچە داۋالىنىپ ئۆز ئەھۋالىنى  ئېغىرلىتىۋالىدىغان  ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىش، ھەم بۇ كېسەلنىڭ پەقەت ئىلمىي، ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىرىنسىپىنى يولغا قويغاندا  ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ساقايمايدىغان كېسەل ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش.

2- پائالىيەت ئوبيېكتى ۋە تەلىپى

پائالىيەت ئوبيېكتى 70 ياشتىن تۆۋەن، ئەگەشمە كېسىلى 3 تىن ئېشىپ كەتمىگەن، ئۆز ھاجىتىدىن چىقالايدىغان، ئىككىلەمچى دىيابېت بىمارلىرى،  ئەر-ئايال، مىللەت چەكلىمىسى يوق. ھەقىقىي ئەسلىگە كېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىدىغان بىمارلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار چوقۇم ھازىرقى زامان ئۇچۇر ئەسۋابلىرىنى، بولۇپمۇ ئۈندىدار ئىشلىتىشنى بىلىش كېرەك. ( يېتەكچىلىك قىلىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ھازىرچە مۇشۇ شەرت قويۇلىدۇ) بۇ قېتىملىق ھەقسىز داۋالاش 500 ئادەم بىلەن چەكلىنىدۇ.

3-پائالىيەت مەزمۇنى

بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلار ئاساسەن ئىككىلەمچى دىيابېت ۋە بۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىگە قارىتا ھەقسىز ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك پائالىيەت بولۇپ، ئىچى سىرتىدىن ئالاھىدە يەتتە خىل ئۇسۇل بىلەن داۋالاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانى، 1. بەدەننىڭ ئوزۇقلىنىش ئېھتىياجى، سۇنىڭ خىزمىتى تەڭشىلىدۇ.

2. بۆرەك، جىگەر، تال، ئاشقازان ئاستى بېزى خىزمىتى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3. ئاشقازان ئاستى بېزى، ئارالچە ھۈجەيرە رايونى پەللە ئارقىلىق تەۋرىتىش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق تەرۋىتىش ئارقىلىق، ئاشقازان ئاستى بېزى خىزمىتىنىڭ رولى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېزلىتىش.

4. ھەرىكەتنى قېلىپلاشتۇرۇش.

5. پىسخىكىلىق ھالەتنى تەڭشەش.

6. ئالاھىدە ھاۋا شارائىتىغا ئىگە، 2.5 ئۆلچىمى ئەڭ تۆۋەن رايونلاردا قۇياش نۇرىنىڭ ئۆلچىمىگىمۇ دىققەت قىلىش.

7. مىكرو ئىلمىنتلارغىچە ئەمەلىي بىر كېسەلگە بىر رېتسېپ بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

ئەھۋالغا قاراپ بىر يىلدىن 2 يىلغىچە ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدىكى ئاساسىي تەڭشەش مەھسۇلاتى تەمىنلىنىدۇ، بۇ بىمارلار ئۈچ ئايدا بىر قېتىم كۆرسىتىلگەن تۈرلەر بويىچە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئەۋەتىپ بېرىدۇ. (بۇلار جۇڭخۇا دىيابېت جەمئىيىتىنىڭ سانلىق ئامبىرىدا ساقلىنىدۇ.)

مەسلىھەت سوراش قىزىق لىنىيەسى : 4006661319      ، 0991-8550333

<iframe frameborder="0" width="640" height="498" src="http://v.qq.com/iframe/player.html?vid=k0195gnwx7r&tiny=0&auto=0" allowfullscreen=""></iframe>

دىيابېت كېسىلى توغرىسىدا ئەنۋەر مۇئەللىم بىلەن سۆھبەت «2-قىسىم»

<iframe frameborder="0" width="640" height="498" src="http://v.qq.com/iframe/player.html?vid=g0195s2srnp&tiny=0&auto=0" allowfullscreen=""></iframe>

دىيابېت كېسىلى توغرىسىدا ئەنۋەر مۇئەللىم بىلەن سۆھبەت «3-قىسىم»



ئالدىنقى مەزمۇن: قاراباغ كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ «مەنمۇ ياساپ باقاي» تېمىسىدا ئىجادىيەت، قول ھۈنەر مۇسابىقە پائالىيتى ئۆتكۈزدى
كېيىنكى مەزمۇن: پۇقرالارنىڭ ھالىغا يەتكەن مەھەللە كادىرلىرى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号